Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھوشىيا

ھوشىيا 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى كاھىنلار، تىڭشاڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، قۇلاق سېلىڭلار، ئى پادىشاھنىڭ جەمەتى؛ چۈنكى بۇ ھۆكۈم سىلەرگە بېكىتىلگەن؛ چۈنكى سىلەر مىزپاھ شەھىرىدە بىر قىلتاق، تابور تېغىدا يېيىلغان بىر تور بولغانسىلەر.
2ئاسىي ئادەملەرمۇ قىرغىن‫‪‎-‎‬‬چاپقۇنغا چۆكۈپ كەتتى؛ بىراق مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جازالىغۇچى بولىمەن.
3ئەفرائىمنى بىلىمەن، ئىسرائىل مەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ چۈنكى ئى ئەفرائىم، سەن ھازىر پاھىشىلىك قىلدىڭ، ئىسرائىل بۇلغانغاندۇر.
4ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنى خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتىشىغا قويمايدۇ؛ چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلار ئارىسىدىدۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارنى ھېچ بىلمەيدۇ.
5ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھلىق بەرمەكتە؛ ئىسرائىل ۋە ئەفرائىم ئۆز قەبىھلىكى بىلەن يىقىلىپ كېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ ئۇلار بىلەن تەڭ يىقىلىدۇ.
6ئۇلار قوي پادىلىرى ۋە كالا پادىلىرىنى ئېلىپ پەرۋەردىگارنى ئىزدەشكە بارىدۇ؛ بىراق ئۇلار ئۇنى تاپالمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تارتىپ ئۇلاردىن يىراقلاشتى.
7ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدى، چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ھارامدىن تۇغدۇرغان؛ ئەمدى «يېڭى ئاي» ئۇلارنى نېسىۋىلىرى بىلەن يەپ كېتىدۇ.
8گىبېئاھتا سۇناينى، راماھدا كاناينى چېلىڭلار؛ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاۋەندە ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ كەينىڭدە! قارا، ئى بىنيامىن!
9ئەفرائىم ئەيىبلىنىدىغان كۈنىدە ۋەيرانە بولىدۇ؛ مانا، ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىشنى ئايان قىلدىم!
10يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى پاسىل تاشلارنى يۆتكىگۈچىگە ئوخشاشتۇر؛ مەن ئۇلار ئۈستىگە غەزىپىمنى سۇدەك تۆكۈۋېتىمەن.
11ئەفرائىم خورلانغان، جازايىمدا ئېزىلگەن، چۈنكى ئۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ «پاسكىنىلىق»نى قوغلاپ يۈردى.
12شۇڭا مەن ئەفرائىمغا كۈيى قۇرتى، يەھۇدا جەمەتىگە چىرىتكۈچ بولىمەن.
13ئەمدى ئەفرائىم ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدا ئۆز يارىسىنى كۆرگەندە، ئەفرائىم ئاسۇرىيەلىكنى ئىزدەپ باردى، «جېدەلخور پادىشاھ»غا تەلىپىنى يوللىدى؛ بىراق ئۇ ھەم سىلەرنى ساقايتالمايتتى، ‫‪‎-‎‬‬ ھەم ياراڭلارنىمۇ داۋالىيالمايتتى.
14چۈنكى مەن ئەفرائىمغا شىردەك، يەھۇدا جەمەتىگە ئارسلاندەك بولىمەن؛ مەن، يەنى مەنكى، ئۇلارنى تىتما‫‪‎-‎‬‬تىتما قىلىۋېتىپ، كېتىپ قالىمەن؛ ئۇلارنى ئېلىپ كېتىمەن، قۇتقۇزالايدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ؛
15مەن كېتىمەن، ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ يېتىپ، يۈزۈمنى ئىزدىمىگۈچە ئۆز جايىمغا قايتىپ تۇرىمەن؛ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار مېنى ئىنتىلىپ ئىزدەيدۇ.