Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھوشىيا

ھوشىيا 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىسرائىل بالا چېغىدا، مەن ئۇنى سۆيدۈم، شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇمنى مىسىردىن چىقىشقا چاقىردىم.
2بىراق ئۇلار خەلقىمنى چاقىرىۋىدى، ئۇلار دەرھال ھۇزۇرۇمدىن چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار «بائال»لارغا قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئويما مەبۇدلارغا ئىسرىق سالدى.
3ئەفرائىمغا مېڭىشنى ئۆگەتكۈچى ئۆزۈم ئىدىم، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ۋە يۆلەپ ــ بىراق ئۆزىنى ساقايتقۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى ئۇلار بىلمىدى.
4مەن ئادىمەتچىلىكنىڭ كۆيۈنۈش رىشتىلىرى بىلەن، سۆيگۈنىڭ تارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تارتىۋالدىم؛ مەن ئۇلارغا خۇددى ئېڭىكىدىن بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋەتكۈچى بىرسىدەك بولغانمەن، ئېگىلىپ ئۆزۈم ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرغانمەن.
5ئۇلار مىسىرغا قايتىدىغان بولمامدۇ؟ ئاسۇرىيەلىك دەرۋەقە ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدىغان ئەمەسمۇ؟ ــ چۈنكى ئۇلار يېنىمغا قايتىشنى رەت قىلدى!
6قىلىچ ئۇنىڭ شەھەرلىرىدە ھەريان ئوينىتىلىدۇ؛ دەۋازىسىدىكى تۆمۈر بالداقلارنى ۋەيران قىلىپ يەپ كېتىدۇ؛ بۇ ئۆز ئەقىللىرىنىڭ كاساپىتىدۇر!
7بەرھەق، مېنىڭ خەلقىم مەندىن چەتلەپ كېتىشكە مەپتۇن بولدى؛ ئۇلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا نىدا قىلىپ چاقىرسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى كۆتۈرمەيدۇ.
8مەن قانداقمۇ سېنى تاشلاپ قويىمەن، ئى ئەفرائىم؟ مەن قانداقمۇ سېنى دۈشمەنگە تاپشۇرىمەن، ئى ئىسرائىل؟! قانداقمۇ سېنى ئادماھ شەھىرىدەك قىلىمەن؟! سېنى قانداقمۇ زەبوئىم شەھىرىدەك بىر تەرەپ قىلىمەن؟! قەلبىم ئىچ‫‪‎-‎‬‬باغرىمدا قايناپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ بارلىق رەھىمدىللىقىم قوزغىلىۋاتىدۇ!  
9غەزىپىمنىڭ قەھرىنى يۈرگۈزمەيمەن، ئىككىنچى يەنە ئەفرائىمنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، تەڭرىدۇرمەن، ــ يەنى ئاراڭدا بولغان پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس بولغۇچىدۇرمەن؛ مەن دەرغەزەپ بىلەن كەلمەيمەن.
10ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كەينىدىن ماڭىدۇ؛ ئۇ شىردەك ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ھۆركىرىگەندە، ئەمدى بالىلىرى غەربتىن تىترىگەن ھالدا كېلىدۇ؛
11ئۇلار مىسىردىن قۇشتەك، ئاسۇرىيە زېمىنىدىن پاختەكتەك تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆز ئۆيلىرىگە ماكانلاشتۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.