1ئەمدى ئاھازىيانىڭ ئانىسى ئاتالىيا ئوغلىنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرگەندە، بارلىق شاھ نەسلىنى ئۆلتۈرۈشكە قوزغالدى.
2لېكىن يورام پادىشاھنىڭ قىزى، يەنى ئاھازىيانىڭ سىڭلىسى يەھوشېبا ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاھازىيانىڭ ئوغلى يوئاشنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ۋە كىندىك ئانىسىنى ياستۇق-كىرلىك ئامبىرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يوئاش شۇ يول بىلەن ئاتالىيادىن يوشۇرۇپ قېلىنىپ ئۆلتۈرۈلمىدى.
3ئاندىن كېيىن كىندىك ئانىسى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئالتە يىلغىچە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. شۇ ۋاقىتلاردا ئاتالىيا زېمىندا سەلتەنەت قىلدى.
4يەتتىنچى يىلى يەھويادا ئادەم ئەۋەتىپ كارىيلار ھەم ئوردا پاسىبانلىرىنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىشتى. ئۇ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قەسەم ئىچكۈزۈپ، پادىشاھنىڭ ئوغلىنى كۆرسەتتى.
5ئاندىن ئۇلارغا بۇيرۇپ: مانا سىلەر قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئىش شۇكى: ــ شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتى كەلگەن ئۈچتىن بىرى پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا پاسىبانلىق كۆزىتى قىلسۇن.
6ئۈچتىن بىرى سۈر دېگەن دەرۋازىدا تۇرسۇن ۋە ئۈچتىن بىرى ئوردا پاسىبانلار ھويلىسىنىڭ كەينىدىكى دەرۋازىدا تۇرسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەر ئوردا ئۈچۈن پاسىبانلىق قىلىسىلەر.
7شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىنى قىلىپ بولغان ئۈچتىن ئىككى قىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە پادىشاھنىڭ قېشىدا پاسىبانلىق قىلسۇن.
8سىلەر پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ، ھەربىرىڭلار قولۇڭلارغا ئۆز قورالىڭلارنى ئېلىپ، كىمدەكىم سېپىڭلاردىن ئۆتكىلى ئۇرۇنسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ پادىشاھ چىقىپ-كىرسە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈڭلار، دېدى.
9يۈزبېشىلار كاھىن يەھويادا بارلىق تاپىلىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتى؛ ھەربىر يۈزبېشى ئۆز ئادەملىرىنى، ھەم شابات كۈنىدە پاسىبانلىق نۆۋىتىگە كەلگەنلەرنى ھەم پاسىبانلىق نۆۋىتىدىن يانغانلارنى قالدۇرۇپ قالدى؛ ئاندىن يەھويادا كاھىننىڭ قېشىغا كەلدى.
10كاھىن بولسا داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساقلاقلىق نەيزە ۋە قالقانلىرىنى يۈزبېشىلارغا تارقىتىپ بەردى.
11ئوردا پاسىبانلىرى تىزىلىپ، ھەربىرى ئۆز قولىدا قورالىنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن تارتىپ سول تەرىپىگىچە قۇربانگاھ بىلەن ئىبادەتخانىنى بويلاپ پادىشاھنىڭ ئەتراپىدا تۇردى.
12يەھويادا شاھزادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، پادىشاھ بولۇشقا خۇشبۇي ماي بىلەن مەسىھ قىلدى. ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ: ــ «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى.
13ئاتالىيا ئوردا پاسىبانلىرى بىلەن خەلقنىڭ توۋلاشلىرىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كەلدى.
14ئۇ قارىۋىدى، مانا پادىشاھ قائىدە-رەسىم بويىچە تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇراتتى. پادىشاھنىڭ يېنىدا ئەمەلدارلار بىلەن كانايچىلار تىزىلغانىدى؛ بارلىق يۇرت خەلقى شادلىنىپ، كاناي چېلىشاتتى. بۇنى كۆرگەن ئاتالىيا كىيىملىرىنى يىرتىپ: ــ ئاسىيلىق، ئاسىيلىق! ــ دەپ ۋارقىردى.
15ئەمما يەھويادا كاھىن قوشۇنغا مەسئۇل بولغان يۈزبېشىلارغا: ئۇنى سەپلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىڭلار؛ كىمدەكىم ئۇنىڭغا ئەگەشسە قىلىچلانسۇن، دەپ بۇيرۇدى. چۈنكى كاھىن: ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلمىسۇن، دەپ ئېيتقانىدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يول بوشىتىپ بەردى؛ ۋە ئۇ پادىشاھ ئوردىسىغا كىرىدىغان ئات يولىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنى ئۆلتۈردى.
17يەھويادا: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولايلى» دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ۋە پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئەھدە توختاتتى؛ پادىشاھ بىلەن خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەم بىر ئەھدە باغلاندى.
18ئاندىن بارلىق زېمىندىكى خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ ئۇنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ ئۇنىڭ قۇربانگاھلىرى بىلەن مەبۇدلىرىنى چېقىپ پارە-پارە قىلىپ، بائالنىڭ كاھىنى ماتتاننى قۇربانگاھلارنىڭ ئالدىدا ئۆلتۈردى. ئاندىن كېيىن يەھويادا كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە پاسىبانلارنى تەيىنلىدى.
19ئاندىن ئۇ يۈزبېشىلار، كارىيلار، ئوردا پاسىبانلىرى ۋە يۇرتنىڭ ھەممە خەلقىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن باشلاپ چۈشۈپ، ئوردىدىكى «پاسىبانلارنىڭ دەرۋازىسى»دىن پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزدى؛ يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى.
20يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى شادلىناتتى؛ ئۇلار ئاتالىيانى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شەھەر تىنچ بولۇپ قالدى.
21يەھوئاش يەتتە ياشقا كىرگەندە پادىشاھ بولدى.