Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2»

پادىشاھلار «2» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاھاب ئۆلگەندىن كېيىن موئاب ئىسرائىلغا ئىسيان كۆتۈردى.
2ئاھازىيا سامارىيەدە تۇرغاندا ئوردىسىدىكى بالىخانىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇ خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئەكرون شەھىرىدىكى ئىلاھ بائال‫‪‎-‎‬‬زەبۇبدىن مېنىڭ توغرامدا، كېسىلىدىن ساقىيامدۇ، دەپ سوراڭلار، دېدى.
3لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا تىشبىلىق ئىلىياسقا‫‪:‬‬ ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سامارىيە پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال‫‪‎-‎‬‬زەبۇبدىن يول سورىغىلى ماڭدىڭلارمۇ؟
4شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھازىر مۇنداق دېدىكى‫‪:‬‬ «سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېگىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس يولغا چىقتى.
5خەۋەرچىلەر پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى؛ ئۇ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ نېمىشقا يېنىپ كەلدىڭلار، دەپ سورىدى.
6ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بىر ئادەم بىزگە ئۇچراپ بىزگە‫‪:‬‬ ــ سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال‫‪‎-‎‬‬زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەڭلار، ــ دېدى.
7پادىشاھ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ سىلەرگە ئۇچراپ بۇ سۆزلەرنى قىلغان ئادەم قانداق ئادەم ئىكەن؟ ــ دەپ سورىدى.
8ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئۇ تۈكلۈك، بېلىگە تاسما باغلىغان ئادەم ئىكەن، دېدى. پادىشاھ‫‪:‬‬ ئۇ تىشبىلىق ئىلىياس ئىكەن، دېدى.
9ئاندىن پادىشاھ بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئىلىياسنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ بۇ كىشى ئىلىياسنىڭ قېشىغا بارغاندا، مانا ئۇ بىر دۆڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ سېنى چۈشۈپ كەلسۇن! دەيدۇ، دېدى.
10لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا‫‪:‬‬ ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
11شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يەنە بىر ئەللىكبېشىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى. ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، پادىشاھ ئېيتتى‫‪:‬‬ سېنى دەرھال چۈشۈپ كەلسۇن! ــ دېدى.
12لېكىن ئىلىياس ئەللىكبېشىغا‫‪:‬‬ ئەگەر مەن خۇدانىڭ ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ سەن بىلەن ئەللىك ئادىمىڭنى كۆيدۈرسۇن، دەپ جاۋاب بەردى. شۇئان خۇدانىڭ ئوتى ئاسماندىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئەللىك ئادىمىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
13پادىشاھ ئەمدى ئۈچىنچى بىر ئەللىكبېشىنى قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ قېشىغا ماڭدۇردى؛ ئەللىكبېشى بېرىپ ئىلىياسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تىزلىنىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ‫‪:‬‬ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ جېنىم بىلەن سېنىڭ بۇ ئەللىك قۇلۇڭنىڭ جانلىرى نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن!
14دەرۋەقە، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىلگىرىكى ئىككى ئەللىكبېشىنى ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئەللىك ئادىمى بىلەن كۆيدۈرۈۋەتتى. لېكىن ھازىر مېنىڭ جېنىم سېنىڭ نەزىرىڭدە ئەزىز بولسۇن، دېدى.
15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلىياسقا‫‪:‬‬ سەن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن بارغىن؛ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈپ پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ
16پادىشاھقا‫‪:‬‬ پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ «ئىسرائىلدا ۋەھىي سورىغىلى بولىدىغان خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال‫‪‎-‎‬‬زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭغۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەيدۇ، ــ دېدى.
17شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس دېگەندەك، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئاھازىيا ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، يەھورام ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. بۇ يەھوشافاتنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى.
18ئەمدى ئاھازىيانىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بولسا، ئۇلار «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟