Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2»

پادىشاھلار «2» 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن بىرىنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ئېلىشاغا پەرياد قىلىپ‫‪:‬‬ سېنىڭ قۇلۇڭ بولغان مېنىڭ ئېرىم ئۆلۈپتۇ. بىلىسەنكى، سېنىڭ قۇلۇڭ پەرۋەردىگاردىن قورققان ئادەم ئىدى. ئەمدى قەرز ئىگىسى مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى قۇللۇققا ئالغىلى كەلدى.
2ئېلىشا ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ سېنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلاي؟ دېگىنە، ئۆيۈڭدە نېمەڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ دېدىكىڭنىڭ ئۆيىدە كىچىك بىر كوزا مايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق، ــ دېدى.
3ئۇ‫‪:‬‬ بېرىپ ھەممە قوشنىلىرىڭدىن چۆگۈن‫‪‎-‎‬‬كوزا، يەنى بوش چۆگۈن‫‪‎-‎‬‬كوزىلارنى ئۆتنە ئالغىن، ئۇلار ئاز بولمىسۇن.
4ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن ئوغۇللىرىڭ ئۆيگە كىرگىن، ئىشىكنى يېپىپ ھەممە چۆگۈن‫‪‎-‎‬‬كوزىلارغا ماي قاچىلىغىن. توشقانلىرىنى بىر چەتكە ئېلىپ قويغىن، ــ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى ياپتى. ئوغۇللىرى چۆگۈن‫‪‎-‎‬‬كوزىلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئۇ ماي قۇيدى.
6ۋە شۇنداق بولدىكى، چۆگۈن‫‪‎-‎‬‬كوزىلارنىڭ ھەممىسى تولغاندا ئۇ ئوغلىغا‫‪:‬‬ يەنە بىر كوزا ئېلىپ كەل، دېدى. ئەمما ئوغلى‫‪:‬‬ ئەمدى كوزا قالمىدى، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ماي توختاپ قالدى.
7ئەمدى ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمىگە خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇ‫‪:‬‬ بېرىپ ماينى سېتىۋەت، قەرزىڭنى تۈگەتكىن؛ ئاندىن قالغان پۇل بىلەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ جېنىنى بېقىڭلار، دېدى.
8بىر كۈنى ئېلىشا شۇنەم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار ئىدى ۋە ئۇ ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تاماققا تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقاچان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ماڭسا، ئۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ غىزالىناتتى.
9بىر كۈنى ئۇ ئۆز ئېرىگە‫‪:‬‬ بۇ يەردىن دائىم ئۆتىدىغان كىشى خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم.
10بىز ئۆگزىدە ئۇنىڭغا بىر كىچىكرەك ئۆي سالايلى. ئۇنىڭغا ئۆيدە كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغدان تەييارلاپ بېرەيلى؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، ئۇ قاچانلا يېنىمىزغا كەلسە شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، ــ دېدى.
11ئەمدى پەيغەمبەر بىر كۈنى ئۇ يەرگە كەلگەندە، شۇ بالىخانىغا كىرىپ يېتىپ قالدى.
12ئۇ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا‫‪:‬‬ سەن ئۇ شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرغاندا، ئايال ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى.
13پەيغەمبەر خىزمەتكارىغا‫‪:‬‬ سەن ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ «سىلى بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ مۇشۇنداق ئۆزلىرىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىلا؛ مەن سىلى ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەي؟ پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەردارىغا بىرەر تەلەپلىرىنى يەتكۈزەيمۇ؟» ــ دېگىن، دېدى. ئايال بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ مەن ئۆز خەلقىم ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن، بولدى! دېدى.
14ئەمدى ئېلىشا گەھازىدىن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. گەھازى‫‪:‬‬ ئۇنىڭ ئوغۇل بالىسى يوق ئىكەن، ۋە ئېرىمۇ قېرى ئىكەن، دېدى.
15ئۇ‫‪:‬‬ ئۇنى چاقىرغىن، دېدى. ئايالنى چاقىرىۋىدى، ئايال ئىشىككە كېلىپ تۇردى.
16پەيغەمبەر ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ كېلەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتتا قۇچاقلىرىدا بىر ئوغۇللىرى بولىدۇ، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ياق، ئى غوجام! ئى خۇدانىڭ ئادىمى، دېدىكىڭگە يالغان ئېيتمىغىن، دېدى.  
17ئەمدى ئېلىشا ئۇنىڭغا دېگەندەك ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى يىلى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئوغۇل تۇغدى.
18بالا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. بىر كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئاتىسى بار يەرگە، ئورمىچىلارنىڭ قېشىغا چىقىپ كەتتى.

19ئۇ ئاتىسىغا‫‪:‬‬ ۋاي بېشىم، ۋاي بېشىم، دەپ ۋايسىدى. ئۇ خىزمەتكارىغا، ئۇنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارغىن، دېدى.
20ئۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى. بالا ئانىسىنىڭ ئېتىكىدە چۈشكىچە ئولتۇردى، ئاندىن ئۆلۈپ قالدى.
21ئاندىن ئانىسى چىقىپ، ئۇنى خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۆيىدىكى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.
22ئۇ ئېرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ غۇلاملاردىن بىرىنى ماڭدۇرغىن، ئۇ بىر ئېشەكنى ئېلىپ كەلسۇن؛ مەن ئۇنى چاپتۇرۇپ، خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا دەرھال بېرىپ كېلەي، دېدى.
23ئېرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ نېمىشقا ئۇنىڭ قېشىغا بۈگۈن بارىسەن؟ بۈگۈن يا يېڭى ئاي يا شابات كۈنى بولمىسا، دېدى. ئايالى ئۇنىڭغا، ھەممە ئىش تىنچلىق ــ دېدى.
24ئۇ ئېشەكنى توقۇتۇپ غۇلامىغا‫‪:‬‬ ئىتتىك ھەيدەپ ماڭ؛ مەن دېمىگۈچە توختىمىغىن، دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن ئۇ كارمەل تېغىغا بېرىپ خۇدانىڭ ئادىمى ئالدىغا كەلدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنى يىراقتىنلا كۆرۈپ ئۆز خىزمەتكارى گەھازىغا‫‪:‬‬ مانا شۇنەملىك ئايال كېلىۋاتىدۇ؛
26سەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ سىلى تىنچلىقمۇ؟ ئەرلىرى تىنچلىقمۇ؟ بالىلىرى تىنچلىقمۇ؟» ــ دەپ سورىغىن، دېدى. ــ ھەممە ئىش تىنچلىق، دەپ ئېيتتى ئايال.
27ئەمدى تاغقا چىقىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇنىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلىدى. گەھازى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى؛ لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى‫‪:‬‬ ــ ئۇنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن سۇنۇق ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ماڭا دېمەي يوشۇرۇپتۇ، دېدى.
28ئايال‫‪:‬‬ مەن غوجامدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ ماڭا يالغان سۆز قىلمىغىن، دەپ سەندىن ئۆتۈنمىدىممۇ؟ ــ دېدى.  
29پەيغەمبەر گەھازىغا‫‪:‬‬ ــ بېلىڭنى چىڭ باغلاپ، مېنىڭ ھاسامنى ئېلىپ ماڭغىن. بىرسىگە ئۇچرىساڭ، ئۇنىڭغا سالام قىلمىغىن، بىرسى ساڭا سالام قىلسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن. مېنىڭ ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغىن، دېدى.  
30بالىنىڭ ئانىسى‫‪:‬‬ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن ئايرىلمايمەن، دېدى. ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.
31گەھازى ئۇلاردىن بۇرۇن بېرىپ ھاسىسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويغانىدى. ئەمما ھېچ ئاۋاز ياكى تىۋىش چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىپ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ بالا ئويغانمىدى، دېدى.
32ئېلىشا ئۆيگە كېلىپ قارىسا، مانا، بالا ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئۆلۈك ياتاتتى.
33ئۇ بالا بىلەن ئۆزىنى ئايرىم قالدۇرۇپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.
34ئاندىن ئۇ كارىۋاتقا چىقىپ بالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى قويۇپ ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا، كۆزلىرنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە، قوللىرىنى ئۇنىڭ قوللىرىغا يېقىپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى.
35ئۇ چۈشۈپ ئۆيدە ئۇ ياق‫‪‎-‎‬‬بۇ ياققا مېڭىپ ئاندىن يەنە كارىۋاتقا چىقىپ يەنە بالىنىڭ ئۈستىگە ئېگىلدى. ئۇ ۋاقىتتا بالا يەتتە قېتىم چۈشكۈردى، ئاندىن كۆزلىرىنى ئاچتى.
36پەيغەمبەر گەھازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ شۇنەملىك ئايالنى چاقىرغىن، دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىرىپ قويدى. ئۇ ئېلىشانىڭ يېنىغا كەلگەندە. ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئوغۇللىرىنى كۆتۈرۈپ ئالسىلا، دېدى.

37ئۇ ئۆيىگە كىرىپلا ئۇنىڭ ئايىغى ئالدىغا يىقىلىپ دۈم ياتتى، بېشى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز ئوغلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
38ئېلىشا گىلگالغا يېنىپ باردى. شۇ چاغدا يۇرتتا ئاچارچىلىق بولغانىدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئۆز خىزمەتكارىغا‫‪:‬‬ سەن چوڭ قازاننى ئېسىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرىغا شورپا پىشۇرۇپ بەرگىن، دېدى.
39ئۇلاردىن بىرسى ئوتياش تەرگىلى دالاغا چىقىپ ياۋا قاپاق پېلىكىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ياۋا قاپاق ئۈزۈپ ئېتىكىنى تولدۇرۇپ كېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
40ئاندىن ئۇلار يەڭلار دەپ ئادەملەرگە ئۇسۇپ بەردى. لېكىن ئۇلار تاماقنى يېگىلى باشلىغاندا‫‪:‬‬ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، قازاندا ئۆلۈم بار، دەپ ۋارقىراشتى. ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېيەلمىدى.
41ئېلىشا‫‪:‬‬ ئازراققىنە ئۇن ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى. ئۇ شۇنى قازانغا تاشلاپ‫‪:‬‬ خەلققە ئۇسۇپ بەرگىن، يېسۇن، دېدى. ۋە مانا، قازاندا ھېچ زەھەر قالمىدى.
42ئەمدى بائال‫‪‎-‎‬‬شالىشاھدىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ ئادىمىگە ئارپا ھوسۇلىنىڭ تۇنجى مېۋىسىدىن ئاش‫‪‎-‎‬‬نان، يەنى يىگىرمە ئارپا ناننى ۋە بىر خالتا كۆك باشنى ئېلىپ كېلىۋىدى، ئۇ‫‪:‬‬ خەلققە يېگىلى ئالدىغا قويغىن، دېدى.
43ئۇنىڭ خىزمەتكارى‫‪:‬‬ شۇنى بىر يۈز ئادەمنىڭ ئالدىدا قانداق قويالايمەن؟ دېدى. ئېلىشا‫‪:‬‬ خەلققە يېگىلى بەرگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ئۇلار يەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالىدۇ، دېدى.
44شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قويدى؛ ئۇلار يېدى ۋە دەل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالدى.