Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2»

پادىشاھلار «2» 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار ئىلىياسنى قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرمەكچى بولغان ۋاقىتتا ئىلىياس بىلەن ئېلىشا گىلگالدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى.
2ئىلىياس ئېلىشاغا‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەن، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە ماڭغۇزدى. ئېلىشا‫‪:‬‬ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن! دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە چۈشۈپ كەلدى.
3ئۇ ۋاقىتتا بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى.
4ئىلىياس ئېلىشاغا‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى يېرىخوغا ماڭغۇزدى. ئېلىشا‫‪:‬‬ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى يېرىخوغا باردى.
5ئۇ ۋاقىتتا يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى ئېلىشانىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ بىلەمسەن، پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجاڭنى سەندىن ئېلىپ كېتىدۇ؟ ــ دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ بىلىمەن؛ شۈك تۇرۇڭلار، دېدى.
6ئىلىياس ئېلىشاغا‫‪:‬‬ ــ سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ يەردە قالغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ماڭغۇزدى، دېدى. ئېلىشا‫‪:‬‬ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن، ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىسى مېڭىۋەردى.
7ئەمدى پەيغەمبەر شاگىرتلىرىدىن ئەللىك كىشى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا يىراقتىن قاراپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا توختاپ تۇردى.
8ئىلىياس يېپىنچىسىنى قاتلاپ، ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ئۇرىۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇردى؛ ئۇلار ئىككىسى قۇرۇق يولدىن ئۆتتى.
9ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئىلىياس ئېلىشاغا‫‪:‬‬ مەن سەندىن ئايرىلماستا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەندىن نېمە تىلىكىڭ بولسا، دەۋەرگىن، دېدى. ئېلىشا‫‪:‬‬ سېنىڭ ئۈستۈڭدە تۇرغان روھنىڭ ئىككى ھەسسىسى ئۈستۈمگە قونسۇن، ــ دېدى.
10ئۇ‫‪:‬‬ بۇ تىلىكىڭگە ئېرىشمەك قىيىندۇر؛ مەن سەندىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋاقتىمدا، مېنى كۆرۈپ تۇرساڭ، ساڭا شۇنداق بېرىلىدۇ؛ بولمىسا، بېرىلمەيدۇ، ــ دېدى.
11ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ ماڭغاندا، مانا، ئوتلۇق بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئوتلۇق ئاتلار نامايان بولدى؛ ئۇلار ئىككىسىنى ئايرىۋەتتى ۋە ئىلىياس قارا قۇيۇندا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
12ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ‫‪:‬‬ ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن ئۇ ئۇنى يەنە كۆرەلمىدى. ئۇ ئۆز كىيىمىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يىرتىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى.  
13ئاندىن ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۇچىسىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسىنى يەردىن ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا قايتىپ كەلدى.
14ئۇ ئىلىياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ قالغان يېپىنچىسى بىلەن سۇنى ئۇرۇپ‫‪:‬‬ «ئىلىياسنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار نەدىدۇر؟»، دېدى. ئېلىشا سۇنى شۇنداق ئۇرغاندا سۇ ئىككىگە بۆلۈندى؛ ئېلىشا سۇدىن ئۆتۈپ كەتتى.
15يېرىخودىكى پەيغەمبەر شاگىرتلىرى قارشى قىرغاقتا تۇرۇپ ئۇنى كۆردى ۋە‫‪:‬‬ «ئىلىياسنىڭ روھى ئېلىشانىڭ ئۈستىدىدۇر» دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، باش ئۇرۇپ تەزىم قىلدى.
16ئۇلار ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ مانا سېنىڭ كەمىنىلىرىڭ ئارىسىدا ئەللىك ئەزىمەت بار؛ ئۆتۈنىمىز، بۇلار غوجاڭنى ئىزدىگىلى بارسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ روھى بەلكىم ئۇنى كۆتۈرۈپ تاغلارنىڭ بىر يېرىدە ياكى جىلغىلارنىڭ بىر تەرىپىدە تاشلاپ قويدىمىكى، دېدى. لېكىن ئۇ‫‪:‬‬ سىلەر ھېچ ئادەمنى ئەۋەتمەڭلار، دېدى.
17ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇنى قىستاۋېرىشى بىلەن ئۇ خىجالەت بولۇپ‫‪:‬‬ ئادەم ئەۋەتىڭلار، دېدى. شۇڭا ئۇلار ئەللىك كىشىنى ئەۋەتتى؛ بۇلار ئۈچ كۈن ئۇنى ئىزدىدى، لېكىن ھېچ تاپالمىدى.
18ئۇلار ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە (ئۇ يېرىخودا تۇرۇۋاتاتتى) ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ مەن دەرۋەقە سىلەرگە «ئىزدەپ بارماڭلار!» دېمىدىممۇ؟ ــ دېدى.

19شەھەردىكى ئادەملەر ئېلىشاغا‫‪:‬‬ غوجام كۆرگەندەك، شەھەر ئۆزى ئوبدان جايدىدۇر، لېكىن سۇ ناچار ۋە تۇپراق تۇغماستۇر، دېدى.
20ئۇ‫‪:‬‬ يېڭى بىر كوزا ئېلىپ كېلىپ، ئىچىگە تۇز قويۇپ، ماڭا بېرىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى.
21ئۇ بۇلاقنىڭ بېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تۇزنى تۆكتى ۋە‫‪:‬‬ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مەن بۇ سۇلارنى ساقايتتىم؛ ئەمدى ئۇلاردىن قايتا ئۆلۈم بولمايدۇ ۋە يەرنىڭ تۇغماسلىقى بولمايدۇ» ــ دېدى.
22خۇددى ئېلىشانىڭ ئېيتقان بۇ سۆزىدەك، ئۇ سۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر پاك بولۇپ كەلدى.
23ئېلىشا يېرىخودىن چىقىپ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە باردى. ئۇ يولدا كېتىپ بارغاندا، بەزى بالىلار شەھەردىن چىقىپ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ‫‪:‬‬ چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! چىقىپ كەت، ئى تاقىر باش! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
24ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئورمانلىقتىن ئىككى چىشى ئېيىق چىقىپ، بالىلاردىن قىرىق ئىككىنى يىرتىۋەتتى.
25ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، كارمەل تېغىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سامارىيەگە يېنىپ باردى.