Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2»

پادىشاھلار «2» 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەيغەمبەرلەرنىڭ شاگىرتلىرى ئېلىشاغا‫‪:‬‬ ــ مانا بىزگە سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇۋاتقان يېرىمىز تار كەلدى.
2ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ، ھەربىرىمىز بىردىن ياغاچ ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغانغا بىر تۇرالغۇ ئۆي ياسايلى، ــ دېدى. ــ بېرىڭلار، دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
3ئۇلارنىڭ بىرى يەنە‫‪:‬‬ ــ ئىلتىپات قىلىپ قەمىنىلىرىڭ بىلەن بىرگە بارغىن، دېدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ بىللە باراي، دېدى.
4ئۇ ئۇلار بىلەن ماڭدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، دەرەخ كېسىشكە باشلىدى.
5لېكىن ئۇلارنىڭ بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ۋارقىراپ‫‪:‬‬ ــ ۋاي غوجام، بۇ ئۆتنە ئالغان پالتا ئىدى، دېدى.
6خۇدانىڭ ئادىمى‫‪:‬‬ نەگە چۈشتى، دەپ سورىدى. ئۇ چۈشكەن يەرنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ بىر شاخنى كېسىپ، ئۇنى سۇغا تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى.
7ئۇ‫‪:‬‬ ئۇنى قولۇڭغا ئالغىن، دېۋىدى، ئۇ كىشى قولىنى ئۇزۇتۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.
8سۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پالانچى‫‪‎-‎‬‬پوكۇنچى يەردە بارگاھ تىكىمەن، دەپ بېكىتەتتى.
9خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر ئەۋىتىپ‫‪:‬‬ ــ سەن پالانچى‫‪‎-‎‬‬پوكۇنچى يەرگە بېرىشتىن ئېھتىيات قىلغىن، چۈنكى سۇرىيلەر ئۇ يەرگە چۈشمەكچى، دېدى.
10ئۇ ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى خۇدانىڭ ئادىمى ئۆزىگە كۆرسەتكەن جايغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇ يەردىكى ئادەملىرىگە ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنداق ئىش بىرقانچە قېتىم بولدى.
11بۇنىڭ سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پادىشاھى كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلاردىن‫‪:‬‬ ــ ئارىمىزدىن كىمنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىلەر؟! ــ دەپ سورىدى.
12لېكىن خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرى‫‪:‬‬ ــ ئى غوجام پادىشاھ ئۇنداق ئەمەس؛ بەلكى ئىسرائىلدا تۇرىدىغان ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر سەن ياتقان ھۇجراڭدا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئىسرائىل پادىشاھىغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ــ دېدى.
13ئۇ‫‪:‬‬ بېرىپ ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى پايلاپ كېلىڭلار، مەن ئادەم ماڭدۇرۇپ ئۇنى تۇتۇپ كېلەي، دېدى. ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ئۇ دوتان شەھىرىدە ئىكەن، دەپ خەۋەر قىلدى.
14شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەرگە ئاتلىقلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور بىر قوشۇننى ماڭدۇردى. ئۇلار كېچىسى يېتىپ كېلىپ شەھەرنى قورشىۋالدى.
15خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ مالىيى سەھەردە تۇرۇپ چىقسا، مانا، بىر ئاتلىقلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرى قوشۇنى شەھەرنى قورشىۋالغانىدى. مالاي ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئاپلا، ئى غوجام، قانداق قىلارمىز؟ ــ دېدى.
16لېكىن ئۇ‫‪:‬‬ قورقمىغىن؛ مانا بىز بىلەن بىرگە بولغانلار ئۇلار بىلەن بىرگە بولغانلاردىن كۆپتۇر، دېدى.
17ئەمدى ئېلىشا دۇئا قىلىپ‫‪:‬‬ ئى پەرۋەردىگار، مالايىمنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار يىگىتنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە ئۇ ئەينى ئەھۋالنى كۆردى؛ مانا، پۈتكۈل تاغ ئېلىشانى چۆرىدەپ تۇرغان يالقۇنلۇق ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن تولغانىدى.
18سۇرىيلەر چۈشۈپ ئۇ تەرەپكە كەلگەندە، ئېلىشا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ‫‪:‬‬ بۇ خەلقنى كورلۇق بىلەن ئۇرغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېلىشانىڭ تىلىكى بويىچە ئۇلارنى كورلۇق بىلەن ئۇردى.

19ئېلىشا ئۇلارغا‫‪:‬‬ بۇ سىلەر ئىزدىگەن يول ئەمەس ۋە سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس؛ مېنىڭ كەينىمدىن ئەگىشىڭلار، سىلەرنى سىلەر ئىزدىگەن ئادەمنىڭ قېشىغا باشلاپ باراي، دەپ ئۇلارنى سامارىيەگە باشلاپ باردى.
20ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە ئېلىشا‫‪:‬‬ ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كۆرەلەيدىغان قىلىپ ئاچقايسەن، دېدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى؛ ۋە مانا، ئۇلار سامارىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى.
21ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى كۆرگەندە ئېلىشادىن‫‪:‬‬ ئى ئاتام، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدى.
22ئۇ‫‪:‬‬ ــ سەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمە؛ ھەتتا ئۆزۈڭ قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىر قىلغانلىرىڭنى ئۆلتۈرمەيدىغان يەردە، بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولامتى؟ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا نان، سۇ قويغىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ ئۆز غوجىسىغا يېنىپ كەتسۇن، دېدى.
23شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇلارغا چوڭ زىياپەت بەردى؛ ئۇلار يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار غوجىسىنىڭ يېنىغا قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيەدىن بۇلاڭچىلار شايكىلىرى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا قايتا بېسىپ كىرمىدى.
24كېيىن شۇنداق بولدىكى، سۇرىيەنىڭ پادىشاھى بەن‫‪‎-‎‬‬ھاداد پۈتكۈل قوشۇنىنى يىغىپ سامارىيەنى مۇھاسىرىگە ئالدى.
25شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە زور ئاچارچىلىق بولدى. ئۇلار ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن قامال قىلدىكى، بىر ئېشەك بېشى سەكسەن شەكەل كۈمۈشكە، ۋە كەپتەر مايىقىنىڭ بىر چىنىسىنىڭ تۆتتىن بىرى بەش شەكەل كۈمۈشكە يارايتتى.
26ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سېپىلنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندە، بىر ئايال ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئى غوجام پادىشاھ، ياردەم بەرگىنە! دەپ پەرياد كۆتۈردى.
27ئۇ‫‪:‬‬ ئەگەر پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم قىلاي؟ يا خاماندىن يا ئۈزۈم كۆلچىكىدىن ياردەم تېپىلامدۇ؟، ــ دېدى.
28پادىشاھ ئەمدى ئۇنىڭدىن يەنە‫‪:‬‬ نېمە دەردىڭ بار؟ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ مانا بۇ خوتۇن ماڭا‫‪:‬‬ ئوغلۇڭنى بەرگىن، بىز ئۇنى بۈگۈن يەيلى. ئەتە بولسا مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيمىز، دېدى.
29ئۇ ۋاقىتتا بىز مېنىڭ ئوغلۇمنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ئەمدى سەن ئوغلۇڭنى بەرگىن، ئۇنى يەيلى دېسەم، ئۇ ئۆز ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويدى، ــ دېدى.
30پادىشاھ ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كىيىملىرىنى يىرتىپ‫‪‎-‎‬‬يىرتىۋەتتى. ئۇ سېپىلدا كېتىۋاتقاندا، خەلق ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ ئىچىگە، يەنى ئېتىگە بۆز كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى.
31پادىشاھ‫‪:‬‬ ــ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ بېشى بۈگۈن تېنىدە قالسا، خۇدا مېنىڭ بېشىمنى ئالسۇن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق جازالىسۇن! ــ دېدى.  
32ئەمما ئېلىشا ئۆز ئۆيىدە ئولتۇراتتى؛ ئاقساقاللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرغانىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ئادەمنى ماڭدۇرغانىدى. لېكىن ئۇ خەۋەرچى ئۇ يەرگە يېتىپ بارمايلا، ئېلىشا ئاقساقاللارغا‫‪:‬‬ ــ مانا بۇ جاللاتنىڭ بالىسىنىڭ بېشىمنى ئالغىلى ئادەم ماڭدۇرغانلىقىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئەمدى خەۋەرچى كەلگەندە ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ئىچىدىن تىرىۋېلىڭلار. مانا ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن غوجىسىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتمامدۇ؟ ــ دېدى.
33ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كېلىپ‫‪:‬‬ «پادىشاھ‫‪:‬‬ «مانا بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى؛ مەن زادى نېمە دەپ پەرۋەردىگارغا يەنە ئۈمىد باغلىيالارمەن؟» دەيدۇ، دېدى.