Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «2»

پادىشاھلار «2» 21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ماناسسەھ پادىشاھ بولغاندا ئون ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئەللىك بەش يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ھەفزىباھ ئىدى.
2ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللىكلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىگە ئوخشاش ئىشلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.
3ئۇ ئاتىسى ھەزەكىيا بۇزۇپ يوقاتقان «يۇقىرى جايلار»نى قايتىدىن ياساتتى؛ ئۇ بائالغا ئاتاپ قۇربانگاھلارنى سالدۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئاھاب قىلغاندەك بىر ئاشەراھ مەبۇد ياسىدى؛ ئۇ ئاسماندىكى نۇرغۇنلىغان ئاي‫‪‎-‎‬‬يۇلتۇزلارغا باش ئۇردى ۋە ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىردى.   
4ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىمۇ قۇربانگاھلارنى ياساتتى. شۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ مەن يېرۇسالېمدا مېنىڭ نامىمنى قويىمەن، دېگەنىدى.
5ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىككى ھويلىسىدا «ئاسماننىڭ قوشۇنى»غا قۇربانگاھلارنى ئاتاپ ياساتتى.
6ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك بىلەن پالچىلىق ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
7ئۇ ياساتقان «ئاشەراھ» ئويما مەبۇدنى خۇدانىڭ ئۆيىگە قويدى. شۇ ئۆي توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا‫‪:‬‬ ــ «بۇ ئۆيدە، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىن مەن تاللىغان يېرۇسالېمدا ئۆز نامىمنى ئەبەدگىچە قالدۇرىمەن؛
8ئەگەر ئىسرائىل پەقەت مەن ئۇلارغا تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە، يەنى ئۆز قۇلۇم مۇسا ئۇلارغا بۇيرۇغان بارلىق قانۇنغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويسىلا، مەن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا تەقسىم قىلغان بۇ زېمىندىن قايتىدىن نېرى قىلمايمەن»، دېگەنىدى.
9لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمايتتى؛ شۇڭلاشقىمۇ، ماناسسەھ ئۇلارنى شۇنداق ئازدۇردىكى، ئۇلار پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھالاك قىلغان يات ئەللىكلەردىن ئاشۇرۇپ رەزىللىك قىلاتتى.
10شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
11يەھۇدانىڭ پادىشاھى ماناسسەھ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورىيلار قىلغان بارلىق رەزىللىكتىن زىيادە رەزىللىك قىلىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن يەھۇدانىمۇ گۇناھقا ئازدۇرغىنى ئۈچۈن
12ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مانا، يېرۇسالېم بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە شۇنداق بالايىئاپەت كەلتۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ.
13مەن سامارىيەنى ئۆلچىگەن تانا ۋە ئاھابنىڭ جەمەتىنى تەكشۈرگەن تىك ئۆلچىگۈچ يىپ بىلەن يېرۇسالېمنى تەكشۈرتىمەن؛ كىشى قاچىنى چايقاپ سۈرتكەندىن كېيىن دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك، يېرۇسالېمنى چايقاپ ئۆرۈيمەن.
14مەن مىراسىمنىڭ قالغانلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلارنى ھەممە دۈشمەنلىرىگە بۇلاڭ‫‪‎-‎‬‬تالاڭ ئوبيېكتى ۋە ئولجا قىلىپ بېرىمەن؛
15چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى».
16ماناسسەھ ئەمدى پۈتكۈل يېرۇسالېمنى بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە قانغا تولدۇرۇپ، كۆپ ناھەق قان تۆككۈزدى ۋە ئوخشاشلا ئۆزى قىلىۋاتقان گۇناھى بىلەن يەھۇدالارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى رەزىللىكنى قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
17ماناسسەھنىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن ئۇ سادىر قىلغان گۇناھ «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
18ماناسسەھ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە ئۆز ئۆيىنىڭ بېغىدا، يەنى ئۇززاھنىڭ بېغىدا دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى ئامون ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

19ئامون پادىشاھ بولغاندا يىگىرمە ئىككى ياشتا بولۇپ، يېرۇسالېمدا ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەشۇللەمەت ئىدى؛ ئۇ يوتباھلىق ھارۇزنىڭ قىزى ئىدى.
20ئامون ئاتىسى ماناسسەھ قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلاتتى.
21ئۇ ئاتىسى ماڭغان بارلىق يوللاردا ماڭاتتى؛ ئۇ ئاتىسى قۇللۇقىدا بولغان بۇتلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ،
22پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا يۈرمەي، ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تەرك قىلدى.
23ئەمدى ئاموننىڭ خىزمەتكارلىرى پادىشاھنى قەستلەپ، ئۇنى ئۆز ئوردىسىدا ئۆلتۈردى.
24لېكىن يۇرت خەلقى ئامون پادىشاھنى قەستلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردى؛ ئاندىن يۇرت خەلقى ئۇنىڭ ئورنىدا ئوغلى يوسىيانى پادىشاھ قىلدى.
25ئاموننىڭ باشقا ئىشلىرى ھەم قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
26ئۇ ئۇززاھنىڭ بېغىدا ئۆز قەبرىسىدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئوغلى يوسىيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.