3ھېساب ئالىدىغان كۈنىدە، يەنى يىراقتىن كەلگەن تۇيۇقسىز بالايىئاپەت كۈنىدە، نېمە قىلىسىلەر؟ كىمدىن باشپاناھلىق ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟ بايلىق-شۆھرىتىڭلارنى نەگە ئامانەت قويىسىلەر؟
4ئۇلارغا ئەسىرلەر ئارىسىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا يىقىلىشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى! ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ.
5قولىغا غەزىپىمنىڭ توقمىقى تۇتقۇزۇلغان، ئۆزۈمنىڭ دەرغەزىپىمنىڭ تايىقى بولغان ئاسۇرىيەلىككە ۋاي!
6مەن ئۇنى خۇداسىز بىر «يات ئەل»گە، دەرغەزىپىم قارىتىلغان خەلقىمگە زەربە بېرىشكە ئەۋەتىمەن؛ ئۇنىڭغا ئولجا تۇتۇۋېلىشقا، غەنىيمەتنى بۇلاشقا، خەلقىمنى كوچىلاردىكى لاي-پاتقاقلارنى دەسسىگەندەك دەسسەشكە بۇيرۇيمەن.