Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 21

يەشۇئا 21:26-44

Help us?
Click on verse(s) to share them!
26بۇ تەرىقىدە كوھاتلارنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە بېرىلگەن شەھەرلەر ئون بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
27لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان گەرشونلارغا بولسا ئۇلار ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر باشاندىكى گولان بىلەن يايلاقلىرىنى، شۇنداقلا بەئەشتېراھ بىلەن يايلاقلىرىنى، جەمئىي ئىككى شەھەرنى بەردى؛
28يەنە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن كىشىئون بىلەن يايلاقلىرى، دابىرات بىلەن يايلاقلىرى،
29يارمۇت بىلەن يايلاقلىرى ۋە ئەن‫‪‎-‎‬‬گاننىم بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى؛
30بۇنىڭدىن باشقا ئاشىر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن مىشال بىلەن يايلاقلىرى، ئابدون بىلەن يايلاقلىرى،
31ھەلكات بىلەن يايلاقلىرى ۋە رەھوب بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي بولۇپ تۆت شەھەرنى بەردى؛
32بۇنىڭدىن باشقا نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گالىلىيەدىكى كەدەش بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ھامموت‫‪‎-‎‬‬دور بىلەن يايلاقلىرى ۋە كارتان بىلەن ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بولۇپ، جەمىئىي ئۈچ شەھەرنى بەردى.
33بۇ تەرىقىدە گەرشونلارغا بېرىلگەن شەھەرلەر ئون ئۈچ بولدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
34قالغان لاۋىيلارغا، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن يوكنېئام بىلەن يايلاقلىرى، كارتاھ بىلەن يايلاقلىرى،
35دىمناھ بىلەن يايلاقلىرى ۋە ناھالال بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
36بۇنىڭدىن باشقا رۇبەن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن بەزەر بىلەن يايلاقلىرى، ياھاز بىلەن يايلاقلىرى،
37كەدەموت بىلەن يايلاقلىرى ۋە مەفائات بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
38بۇنىڭدىن باشقا گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر گىلېئادتىكى راموت بىلەن يايلاقلىرىنى، يەنە ماھانايىم بىلەن يايلاقلىرى،
39ھەشبون بىلەن يايلاقلىرى ۋە جائازەر بىلەن يايلاقلىرى بولۇپ، جەمئىي تۆت شەھەرنى بەردى.
40بۇلار بولسا قالغان لاۋىيلارنىڭ جەمەتلىرىگە، يەنى مەرارىلار جەمەتلىرىگە بېرىلگەن بارلىق شەھەرلەردۇر؛ ئۇلارغا چەك تاشلىنىش بىلەن بېرىلگەن ئۈلۈشى ئون ئىككى شەھەر ئىدى.
41ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىن لاۋىيلارغا بېكىتىپ بېرىلگەن شەھەرلەر جەمئىي قىرىق سەككىز ئىدى؛ بۇلار ئەتراپىدىكى يايلاقلىرى بىلەن بېرىلدى.
42بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئەتراپىدا يايلاقلىرى بار ئىدى؛ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى.
43پەرۋەردىگار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا بەردى؛ ئۇلار كېلىپ ئۇنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى.
44ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ھەر ئەتراپىدا تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئاراملىق بەردى؛ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېچقاندىقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرالمايتتى؛ بەلكى پەرۋەردىگار ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى.

Read يەشۇئا 21يەشۇئا 21
Compare يەشۇئا 21:26-44يەشۇئا 21:26-44