1ئاندىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئىككى چارلىغۇچىنى شىتتىمدىن ئەۋەتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر بېرىپ ئۇ زېمىننى، بولۇپمۇ يېرىخو شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، راھاب ئاتلىق بىر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قوندى.
2لېكىن بىرسى كېلىپ يېرىخو پادىشاھىغا: ــ بۈگۈن كېچە ئىسرائىللاردىن بىرنەچچە كىشى بۇ زېمىننى چارلىغىلى كەپتۇ، دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
3شۇنىڭ بىلەن يېرىخو پادىشاھى راھابنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ سېنىڭ قېشىڭغا كېلىپ، ئۆيۈڭگە كىرگەن شۇ كىشىلەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگىن، چۈنكى ئۇلار بۇ زېمىننىڭ ھەر يېرىنى پايلىغىلى كەپتۇ، ــ دېدى.
4لېكىن ئۇ ئايال ئۇ ئىككى كىشىنى ئېلىپ چىقىپ يوشۇرۇپ قويغانىدى؛ ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەرۋەقە بۇ كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كەلدى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم؛
5قاراڭغۇ چۈشۈپ، قوۋۇقنى ئېتىدىغان ۋاقىت كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئادەملەر چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيمەن. ئۇلارنى تېزدىن قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، ــ دېدى.
6لېكىن ئۇ ئايال ئۇلارنى ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە رەتلەپ يېيىپ قويغان زىغىر پاخاللىرىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.
7ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىزدەپ قوغلىغۇچىلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ يولى بىلەن چىقىپ دەريا كېچىكلىرىگىچە قوغلاپ باردى. ئۇلارنى قوغلىغۇچىلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەرنىڭ قوۋۇقى تاقالدى.
8شۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئىككىيلەن تېخى ئۇخلاشقا ياتمىغانىدى، راھاب ئۆگزىگە چىقىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ
9ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا سىلەردىن بولغان ۋەھىمەڭلار بىزلەرگە چۈشۈپ، بۇ زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا ھالىدىن كېتەي دېگىنىنى بىلىمەن؛
10چۈنكى بىز سىلەر مىسىردىن چىققىنىڭلاردا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىڭلاردا قىزىل دېڭىزنى قورۇتقانلىقىنى، شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامورىيلارنىڭ ئىككى پادىشاھى سىھون بىلەن ئوگنى قانداق قىلغانلىقىڭلارنى، ئۇلارنى مۇتلەق يوقاتقانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق.
11بۇنى ئاڭلاپ يۈرىكىمىز سۇ بولۇپ، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ھەرقايسىمىزنىڭ روھى چىقىپ كەتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار بولسا يۇقىرىدا، ئاسمانلارنىڭ ھەمدە تۆۋەندە يەرنىڭ خۇداسىدۇر.
13ئەمدى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن سىلەرگە كۆرسەتكەن ھىممىتىم ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنىڭ ئاتامنىڭ جەمەتىگە ھىممەت قىلىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلىڭلار، شۇنداقلا ئاتا-ئانامنى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنى ۋە ئۇلارغا تەۋە بارلىقىغا چېقىلماسلىقىڭلار، جېنىمىزنى تىرىك قالدۇرۇپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشۇڭلار توغرىسىدا ماڭا بىر كاپالەت بەلگىسىنى بېرىڭلار، ــ دېدى.
14ئىككىيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭ، سىلەر جېنىڭلاردىن ئايرىلساڭلار، بىزمۇ جېنىمىزدىن ئايرىلغايمىز! شۇنىڭدەك شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار بىزگە بۇ زېمىننى ئىگە قىلغۇزغاندا، بىز جەزمەن سىلەرگە مېھرىبانلارچە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىمىز، دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى پەنجىرىدىن بىر تانا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا بولۇپ، ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى).
16ئايال ئۇ ئىككىسىگە: ــ قوغلىغۇچىلار سىلەرگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار؛ قوغلىغۇچىلار شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن سىلەر ئۆز يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولىدۇ، ــ دېدى.
17ئىككىسى ئايالغا: ــ ئەگەر سەن بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلمىساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز: ــ
18مانا، بىز زېمىنغا كىرگەن چاغدا، سەن بىزنى چۈشۈرۈشكە ئىشلەتكەن بۇ قىزىل تانىنى پەنجىرىگە باغلاپ قويغىن؛ ئاندىن ئاتا-ئاناڭنى، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىڭنى، شۇنداقلا ئاتاڭنىڭ بارلىق جەمەتىدىكىلەرنى ئۆيۈڭگە، ئۆزۈڭگە يىغىپ جەم قىلغىن.
19شۇنداق بولىدۇكى، ئۆيۈڭنىڭ ئىشىكلىرىدىن تاشقىرىغا چىققان ھەركىمىنىڭ قېنى ئۆز بېشىدا بولىدۇ؛ بىز ئۇنىڭغا مەسئۇل ئەمەسمىز؛ لېكىن بىراۋ ئۆيۈڭدە سەن بىلەن بىللە بولغان بىرسىنىڭ ئۈستىگە قول سالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قېنى بىزنىڭ بېشىمىزغا چۈشكەي!
20ئەگەر سەن بۇ ئىشىمىزنى ئاشكارىلاپ قويساڭ، سەن بىزگە قىلغۇزغان بۇ قەسەمدىن خالاس بولىمىز، ــ دېدى.
21راھاب جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەرنىڭ دېگىنىڭلەردەك بولسۇن دەپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئايال پەنجىرىگە ئۇ قىزىل تانىنى باغلاپ قويدى.
22ئۇ ئىككىسى ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تاغقا چىقىپ، قوغلىغۇچىلار شەھەرگە قايتىپ كەتكۈچە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردى. قوغلىغۇچىلار يول بويىدىكى ھەممە يەرنى ئىزدەپمۇ ئۇلارنى تاپالمىدى.
23ئاندىن بۇ ئىككىسى تاغدىن چۈشۈپ، قايتىپ ماڭدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ قېشىغا كېلىپ، بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى.
24ئۇلار يەشۇئاغا: ــ پەرۋەردىگار دەرۋەقە بارلىق زېمىننى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تۈپەيلىمىزدىن روھى چىقىپ كەتتى، ــ دېدى.