Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا

يەشۇئا 22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىدىكىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ
2سىلەر بولساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسانىڭ سىلەرگە بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدىڭلار، مېنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالدىڭلار؛
3سىلەر بۇ نۇرغۇن كۈنلەردە تاكى بۈگۈنگە قەدەر قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغان ۋەزىپىنى تۇتۇپ كەلدىڭلار؛
4ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ۋەدە قىلغىنىدەك، قېرىنداشلىرىڭلارغا ئاراملىق بەردى؛ شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە سىلەرگە بەرگەن مىراس زېمىنىڭلارغا، ئۆز چېدىرلىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار.
5پەقەتلا پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا سىلەرگە بۇيرۇپ تاپشۇرغان قانۇن‫‪‎-‎‬‬ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئەمرلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا باغلىنىپ، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن جان‫‪‎-‎‬‬دىلىڭلار بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئىخلاس بىلەن كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ــ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇلارنى بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلەپ، يولغا سالدى؛ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
7ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە بولسا مۇسا ئۇلارغا باشاننى مىراس قىلىپ بەرگەنىدى؛ يەنە بىر يېرىم قەبىلىگە يەشۇئا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ قېتى، يەنى غەرب تەرىپىدە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا مىراس بەردى. يەشۇئا ئۇلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا قايتىش يولىغا سالغان ۋاقتىدا، ئۇ ئۇلارغىمۇ بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلەپ،
8ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئىنتايىن كۆپ بايلىقلار، ئىنتايىن كۆپ چارپايلارنى، شۇنداقلا كۆپ مىقداردا كۈمۈش، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر ۋە كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلەرنى ئېلىپ، ئۆز چېدىرىڭلارغا قايتىپ بېرىڭلار؛ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان ئولجىنى قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىڭلار، دېدى.
9ئۇ ۋاقىتتا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى شىلوھدىن چىقىپ ئىسرائىللاردىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ تەئەللۇقاتى بولغان ئۆز مىراس زېمىنى گىلېئاد يۇرتىغا قاراپ قايتىپ ماڭدى.
10رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى گەلىلوتقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا بىر قۇربانگاھنى ياسىدى؛ قۇربانگاھ ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغانىدى.   
11ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ «مانا رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى قانائان زېمىنىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى گەلىلوتتا، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قۇربانگاھنى ياساپتۇ» دېگەن خەۋەر ئاڭلاندى.
12ئىسرائىللار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن شىلوھقا توپلاندى.
13ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىللار كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى گىلېئاد زېمىنىدىكى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە ماڭدۇردى
14ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئون ئەمىرنى، ئىسرائىلنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەمەت باشلىقى بولغان بىردىن ئەمىرنى ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ئەۋەتتى؛ ھەربىر ئەمىر ھەرقايسى ئاتا جەمەتتىكى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى.
15بۇلار ئەمدى گىلېئاد زېمىنىغا، رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسىگە كېلىپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ
16مانا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، ئۆزۈڭلارغا قۇربانگاھنى ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدىن يۈز ئۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن بۇ رەزىللىكىڭلار زادى قانداق ئىش؟
17پېئوردا بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكىمىز بىزگە يېتىپ ئاشماسمۇ؟ گەرچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنىڭ بېشىغا ۋابا چۈشكەن بولسىمۇ، بىز تېخى بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئىشتىن ئۆزىمىزنى پاكلاندۇرمىدۇق.   
18سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ياندىڭلار؛ شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغان بولغاچقا، ئۇ جەزمەن ئەتە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە غەزەپلىنىدۇ.

19ھالبۇكى، مۇبادا سىلەر مىراس قىلىپ ئالغان زېمىن ناپاك بولۇپ قالغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا، ئۇنىڭ چېدىرى تىكلەنگەن يۇرتقا يېنىپ كېلىپ، ئارىمىزدا مىراس ئېلىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قۇربانگاھىدىن باشقا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ياساش بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزلەرگە ئاسىيلىق قىلماڭلار.
20زەراھنىڭ ئوغلى ئاقان ھارام بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن قەبىھلىكى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ قالماي، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟».
21شۇنىڭ بىلەن رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
22«ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى پەرۋەردىگاردۇر! ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بۇنى بىلىدۇ، ئىسرائىلمۇ ئۇنى بىلگەي! ئەگەر بۇ ئىش ئاسىيلىق بولسا ياكى پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك بولسا، ئەمدى بىزلەرنى بۈگۇن ئۆلۈمدىن ئايىماڭلار!
23ئەگەر بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن قۇربانگاھنى ياسىشىمىز پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىش ئۈچۈن بولغان بولسا، شۇنداقلا قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش، ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇنۇش، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇش ئۈچۈن بولغان بولسا، ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى بۇ ئىش توغرۇلۇق بىزدىن ھېساب ئالسۇن؛
24ئەكسىچە بۇ ئىشنى قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ھەقىقەتەن شۇكى، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا‫‪:‬‬ «سىلەرنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار؟
25ئەي رۇبەنلەر ۋە گادلار، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوقتۇر!» دېيىشىدىن ئەندىشە قىلدۇق.
26شۇڭا بىز‫‪:‬‬ «قوپۇپ بىر قۇربانگاھ ياسايلى؛ لېكىن بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس، باشقا خىل قۇربانلىقلار ئۈچۈنمۇ ئەمەس،
27بەلكى كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن باشقا خىل قۇربانلىقلىرىمىز ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشىمىز ئۈچۈن، سىلەر ۋە بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا، شۇنداقلا كېيىنكى دەۋرلىرىمىزدە بىر ئەسلەتمە گۇۋاھلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ياسىدۇق؛ بالىلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىدە بالىلىرىمىزغا «پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوق» دېمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.
28ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە بىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېسە، بىز جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ «مانا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ياكى باشقا خىل قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ ياسالغان، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز ياسىغان قۇربانگاھىنىڭ ئەندىزىسىدۇر!» دېيەلەيمىز.
29پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قۇربانگاھتىن باشقا ئىككىنچى بىر قۇربانگاھنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە باشقا خىل قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىزدىن نېرى بولغاي!».
30كاھىن فىنىھاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن جامائەت ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ كاتتىۋاشلىرى رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇلار شۇنىڭدىن خۇش بولدى.
31ئەلىئازارنىڭ ئوغلى كاھىن فىنىھاس رۇبەنلەر، گادلار ۋە ماناسسەھلەرگە‫‪:‬‬ ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا بۇ ئىتائەتسىزلىكنى قىلمىغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق؛ سىلەر بۇ ئىش بىلەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭلار، دېدى.
32ئاندىن ئەلىئازار كاھىننىڭ ئوغلى فىنىھاس بىلەن ئەمىرلەر رۇبەنلەر ۋە گادلارنىڭ يېنىدىن، گىلېئاد زېمىنىدىن چىقىپ قانائان زېمىنىغا ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا دەپ بەردى.
33بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈندى؛ ئىسرائىللار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، رۇبەنلەر بىلەن گادلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان زېمىنىنى ۋەيران قىلايلى، دېگەن گەپنى ئىككىنچى تىلغا ئالمىدى.
34رۇبەنلەر بىلەن گادلار بۇ قۇربانگاھقا «گۇۋاھلىق» دەپ ئات قويدى؛ چۈنكى ئۇلار‫‪:‬‬ ــ «ئۇ ئارىمىزدا پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھتۇر» دېدى.