Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا

يەشۇئا 16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ چىققان مىراس زېمىن بولسا يېرىخوغا تۇتاش بولغان ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۆللەرگىچە بولغان يۇرتلار ۋە يېرىخودىن چىقىپ، چۆلدىن ئۆتۈپ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلنىڭ تاغلىق رايونىغا سوزۇلغان يۇرتلار ئىدى.
2چېگرىسى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدىن تارتىپ لۇزغا، ئاندىن ئاركىيلارنىڭ چېگرىسىدىكى ئاتاروتقا يېتىپ،
3ئاندىن غەرب تەرىپىگە بېرىپ، يافلەتىيلەرنىڭ چېگرىسىغا تۇتىشۇپ، ئاستىن بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوروننىڭ چېتىگە چۈشۈپ، گەزەرگە بېرىپ دېڭىزدا ئاخىرلىشاتتى.
4يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىملار ئېرىشكەن مىراس ئۈلۈشى مانا شۇ ئىدى.
5ئەفرائىملارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىرى بويىچە ئالغان زېمىنىنىڭ چېگرىسى تۆۋەندىكىدەك‫‪:‬‬ ــ مىراس زېمىننىڭ شەرق تەرەپتىكى چېگرىسى ئاتاروت‫‪‎-‎‬‬ئادداردىن تارتىپ ئۈستۈن بەيت‫‪‎-‎‬‬ھورونغىچە يېتىپ،
6ئاندىن دېڭىزغا بېرىپ شىمالغا قاراپ مىكمىتاتقا چىقتى؛ ئاندىن يەنە شەرق تەرىپىدىكى تائانات‫‪‎-‎‬‬شىلوھقا قايرىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شەرق تەرەپكە قاراپ يانوئاھقا،
7يانوئاھدىن چۈشۈپ ئاتاروت بىلەن نائاراتقا يېتىپ، يېرىخوغا تۇتىشىپ ئىئوردان دەرياسىغا چىقتى.
8چېگرا تاپپۇئاھدىن غەرب تەرەپكە چىقىپ كاناھ ئېقىنىغىچە بېرىپ، دېڭىزغا يېتىپ ئاياغلاشتى. ئەفرائىمنىڭ قەبىلىسىگە، يەنى ئۇلارنىڭ جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرىگە تەگكەن مىراس ئۈلۈشى شۇ ئىدى.
9بۇنىڭدىن باشقا ئەفرائىملار ئۈچۈن ماناسسەھنىڭ مىراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە شەھەرلەر ئايرىلغانىدى؛ بۇ ئايرىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلىرى بىلەن قوشۇلغانىدى.
10ئەمما ئەفرائىملار گەزەردە ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىگەنىدى؛ شۇڭا قانائانىيلار تا بۈگۈنگىچە ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، مەخسۇس ھاشارچى مەدىكارلار بولۇپ تۇرماقتا.