Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا

يەشۇئا 24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن يەشۇئا ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى شەكەمگە يىغىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى، باشلىقلىرى، ھاكىم‫‪‎-‎‬‬سوتچىلىرى بىلەن بەگ‫‪‎-‎‬‬ئەمەلدارلىرىنى چاقىردى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغاندا
2يەشۇئا پۈتكۈل خەلققە‫‪:‬‬ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ ــ «قەدىمكى زاماندا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار، جۈملىدىن ئىبراھىم بىلەن ناھورنىڭ ئاتىسى تەراھ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇلار باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى.   
3لېكىن مەن ئاتاڭلار ئىبراھىمنى دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ئاۋۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردىم.   
4ئاندىن مەن ئىسھاققا ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم؛ ئەساۋغا سېئىر تاغلىق رايونىنى تەۋەلىك قىلىپ بەردىم، ياقۇپ بىلەن ئوغۇللىرى بولسا مىسىرغا چۈشۈپ باردى.
5كېيىنرەك مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلار ئارىسىدا ئەمەللىرىم بىلەن ئۇلارغا دەھشەتلىك ۋابالارنى چۈشۈردۇم؛ ئاندىن سىلەرنى شۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم.
6مەن بۇ تەرىقىدە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلار قىزىل دېڭىزغا يېتىپ كەلگىنىدە، مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارنى قوغلاپ دېڭىزغىچە كەلدى.   
7ئىسرائىللار شۇئان پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىۋىدى، ئۇ سىلەر بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ ئارىسىغا تۇم قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى؛ ئاندىن دېڭىزنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ ياپتى. سىلەر ئۆز كۆزلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ مىسىردا نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار؛ ئاندىن سىلەر ئۇزۇن ۋاقىتقىچە چۆلدە تۇردۇڭلار.
8كېيىنرەك مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغان ئامورىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كەلدىم؛ ئۇلار سىلەر بىلەن سوقۇشقاندا مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا بېرىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدىڭلار. مەن ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن يوقىتىۋەتتىم.
9ئۇ ۋاقىتتا موئابنىڭ پادىشاھى، زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق قوپۇپ، ئىسرائىل بىلەن جەڭگە چۈشتى ۋە سىلەرنى قارغاش ئۈچۈن بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى چاقىرىپ كەلدى؛
10لېكىن مەن بالائامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرگە قايتا‫‪‎-‎‬‬قايتا بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت تىلىدى ۋە مەن سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم.
11كېيىنرەك سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ يېرىخوغا بارغاندا يېرىخونىڭ ئادەملىرى ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشقا قوپقىنى بىلەن مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛
12مەن ئالدىڭلارغا سېرىق ھەرىنى ئەۋەتتىم، سېرىق ھەرە ئامورىيلارنىڭ ئىككىلا پادىشاھىنى ھەيدىۋەتكەندەك ئۇلارنىمۇ ھەيدىۋەتتى؛ بۇ ئىش سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار ياكى ئوقيايىڭلار بىلەن بولمىدى.   
13مەن سىلەرگە ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن بىر زېمىننى، ئۆزۈڭلار ياسىمىغان شەھەرلەرنى بەردىم، ۋە سىلەر شۇلاردا ماكان قىلدىڭلار؛ ئۆزۈڭلار تىكمىگەن ئۈزۈمزارلىقلار بىلەن زەيتۇنزارلىقلاردىن مېۋىلىرىنى يەۋاتىسىلەر» دەيدۇ، ــ دېدى.
14ــ شۇڭا ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار.
15لېكىن ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتى سىلەرگە يامان كۆرۈنسە، كىمگە ئىبادەت قىلىدىغىنىڭلارنى تاللىۋېلىڭلار ــ مەيلى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغاندا چوقۇنغان ئىلاھلار بولسۇن ياكى سىلەر تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، ئۇلارنى تاللاڭلار؛ لېكىن مەن بىلەن ئۆيۈمدىكىلەر بولساق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى.
16خەلق جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگارنى تەرك ئېتىپ باشقا ئىلاھلارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش بىزدىن نېرى بولسۇن!
17چۈنكى بىز بىلەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ، كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ چوڭ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ، قايسى يولدا ماڭمايلى، قايسى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئۆتمەيلى، بىزنى ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىدۇر!
18پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا تۇرغان بارلىق تائىپىلەرنى، جۈملىدىن ئامورىيلارنى ئالدىمىزدىن قوغلىۋەتتى؛ شۇڭا بىزمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز؛ چۈنكى ئۇ بىزنىڭ تەڭرىمىزدۇر! ــ دېدى.

19يەشۇئا خەلققە‫‪:‬‬ ــ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولالمايسىلەر، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس بىر خۇدادۇر؛ ئۇ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى بىر تەڭرى بولغاچقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلار بىلەن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرەلمەيدۇ.
20ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنغان بولساڭلار ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ كەلگەننىڭ ئورنىدا سىلەرگە بالا كەلتۈرۈپ يوقىتىدۇ، ــ دېدى.
21لېكىن خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولىمىز، ــ دېدى.
22بۇنى ئاڭلاپ يەشۇئا خەلققە‫‪:‬‬ ــ ئۆزۈڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنى، ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇشنى تاللىغانلىقىڭلارغا ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزۈڭلارغا گۇۋاھچى بولدۇڭلار، دېۋىدى، ئۇلار‫‪:‬‬ ــ ئۆزىمىز گۇۋاھ! ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
23ئۇ‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق بولسا ئەمدى ئاراڭلاردىكى يات ئىلاھلارنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، كۆڭلۈڭلارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىدىغان قىلىڭلار، دېدى.
24خەلق يەشۇئاغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغىلا قۇلاق سالىدىغان بولىمىز، دېدى.
25شۇنىڭ بىلەن يەشۇئا ئۇ كۈنى خەلق بىلەن ئەھدە باغلىشىپ، شەكەمدە ئۇلار ئۈچۈن ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمىلەرنى توختىتىپ بەردى.
26ئاندىن يەشۇئا بۇ ھەممە سۆزلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن كىتابىغا پۈتۈپ، يوغان بىر تاشنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ يېنىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىغا تىكلەپ قويدى.
27ئاندىن يەشۇئا خەلققە‫‪:‬‬ ــ مانا بۇ تاش بولسا بىزگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن تانماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۈستۈڭلاردا گۇۋاھچى بولۇپ تۇرىدۇ، ــ دېدى.
28يەشۇئا شۇلارنى دەپ خەلقنى يولغا سېلىپ، ھەربىرىنى ئۆز مىراس يېرىگە ياندۇردى.
29بۇ ئىشلاردىن كېيىن نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى.
30ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات‫‪‎-‎‬‬سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.
31يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە مۆجىزىلىك ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى.
32يۈسۈپنىڭ سۆڭەكلىرىنى بولسا، ئىسرائىللار ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار بۇلارنى شەكەمگە ئېلىپ بېرىپ، ياقۇپ شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كەسىتاھ كۈمۈشكە سېتىۋالغان يەردە دەپنە قىلدى. شۇ يەر يۈسۈپلەرنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ قالدى.  
33ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارمۇ ۋاپات بولدى؛ ئۇلار ئۇنى ئوغلى فىنىھاسقا مىراس قىلىپ بېرىلگەن ئەفرائىمنىڭ تاغلىق رايونىدىكى گىبېئاھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.