Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا

يەشۇئا 18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پۈتكۈل ئىسرائىللار جامائىتى شىلوھقا يىغىلىپ، ئۇ يەردە ئىبادەت چېدىرى تىكتى. گەرچە زېمىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ،
2لېكىن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئۆز مىراس ئۈلۈشى تېخى تەقسىم قىلىنمىغان يەتتە قەبىلە قالغانىدى.
3شۇڭا يەشۇئا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا ئېلىشقا سۇسلۇق قىلىپ قاچانغىچە كەينىگە سۈرىسىلەر؟
4سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەمنى تاللاڭلار؛ مەن ئۇلارنى قوزغىلىپ بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇنى ھەربىر قەبىلە ئۆز مىراس ئۈلۈشىگە مۇۋاپىق سىزىپ‫‪‎-‎‬‬خاتىرىلەشكە، ئاندىن قېشىمغا يېنىپ كېلىشكە ئەۋەتىمەن.
5ئۇلار زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلسۇن؛ لېكىن يەھۇدا قەبىلىسى بولسا جەنۇبتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن، يۈسۈپنىڭ جەمەتىمۇ شىمال تەرەپتىكى ئۆز ئۈلۈش زېمىنىدا تۇرىۋەرسۇن.
6سىلەر زېمىننى يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، پاسىلىنى خاتىرىلەپ سىزىپ يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا بۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن.
7ئەمما لاۋىيلارنىڭ بولسا، ئاراڭلاردا ئۈلۈشى بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. گاد بىلەن رۇبەن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، شەرق تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى ئاللىقاچان ئالغاندۇر».
8زېمىننى خاتىرىلەشكە بېكىتكەن كىشىلەر قوزغىلىپ يولغا چىققاندا، يەشۇئا ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ‫‪‎-‎‬‬خاتىرىلەپ مېنىڭ قېشىمغا يېنىپ كېلىڭلار؛ ئاندىن مەن مۇشۇ يەردە، شىلوھنىڭ ئۆزىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن، دېدى.
9شۇنداق دېۋىدى، بۇ ئادەملەر بېرىپ زېمىننى ئايلىنىپ، ئۇنى سىزىپ‫‪‎-‎‬‬خاتىرىلەپ، شەھەرلەر بويىچە يەتتە ئۈلۈشكە بۆلۈپ، خاتىرىگە سىزىپ، شىلوھدىكى چېدىرگاھقا، يەشۇئانىڭ قېشىغا يېنىپ كەلدى.
10ئاندىن يەشۇئا شىلوھدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئۈچۈن چەك تاشلىدى ۋە شۇ يەردە قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتى بويىچە زېمىننى ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى.
11بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە چەك تارتىلدى؛ ئۇلار چەك ئارقىلىق ئېرىشكەن زېمىن يەھۇدالار بىلەن يۈسۈپلەرنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدىكى يۇرت بولدى.
12ئۇلارنىڭ شىمالىي چېگرىسى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلاپ، يېرىخونىڭ شىمال تەرىپىدىكى داۋاننى يانداپ، غەرب تەرىپىگە قاراپ تاغلىق يۇرتقا چىقىپ ۋە بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاۋەننىڭ چۆلىگە تۇتىشاتتى؛
13ئاندىن لۇزغا چىقىپ، لۇز، يەنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلنىڭ جەنۇب تەرىپىنى يانداپ ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوروننىڭ جەنۇبىدىكى تاغقا يېقىن ئاتاروت‫‪‎-‎‬‬ئاددارغا چۈشتى؛
14چېگرا شۇ يەردىن ئۆتۈپ غەربتىن جەنۇبقا قايرىلىپ، بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوروننىڭ جەنۇبىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغدىن يەھۇدالارنىڭ شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كىرىئات‫‪‎-‎‬‬بائال (يەنى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىم)غا تۇتاشتى. بۇ غەرب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى.
15جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى كىرىئات‫‪‎-‎‬‬يېئارىمنىڭ چېتىدىن باشلاپ غەرب تەرىپىگە مېڭىپ، نەفتوئاھتىكى سۇ مەنبەسىگە تۇتاشتى؛
16چېگرا ئاندىن رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بەن‫‪‎-‎‬‬ھىننومنىڭ جىلغىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئاندىن ھىننومنىڭ جىلغىسى بىلەن يەنە چۈشۈپ، يەبۇسىيلارنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن مېڭىپ، ئاندىن ئەن‫‪‎-‎‬‬روگەل بۇلىقىغا يەتتى؛
17ئاندىن شىمال تەرىپىگە قايرىلىپ ئەن‫‪‎-‎‬‬شەمەش بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، ئادۇللام داۋىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى گەلىلوتقا بېرىپ، رۇبەننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ تېشىغا چۈشۈپ،
18ۋە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئېگىزلىكتىن ئۆتۈپ، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشتى.

19ئاندىن چېگرا شىمال تەرىپىگە چىقىپ بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوگلاھنىڭ داۋىنىغا تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدا، يەنى شور دېڭىزىنىڭ شىمالىي قولتۇقىدا ئاخىرلاشتى. بۇ جەنۇب تەرەپنىڭ چېگرىسى ئىدى.
20شەرق چېگرىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ بىنيامىنلارنىڭ ئۈلۈشى بولۇپ، ئۇلارغا جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىرى بويىچە توختىتىلغان مىراس زېمىنىنىڭ چېگرىسى شۇ ئىدى.
21بىنيامىنلار قەبىلىسىگە جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە تەگكەن شەھەرلەر بولسا تۆۋەندىكىلەردۇر‫‪:‬‬ ــ يېرىخو، بەيت‫‪‎-‎‬‬ھوگلاھ، ئېمەك‫‪‎-‎‬‬كەزىز،
22بەيت‫‪‎-‎‬‬ئاراباھ، زەمارايىم، بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەل،
23ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ،
24كەفار‫‪‎-‎‬‬ھائاموناي، ئوفنى ۋە گېبا بولۇپ، جەمئىي ئون ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلار ئىدى؛
25بۇنىڭدىن باشقا گىبېئون، راماھ، بەئەروت،
26مىزپاھ، كەفىراھ، موزاھ،
27رەكەم، ئىرپەئەل، تارالاھ،
28زەلاھ، ھا‫‪‎-‎‬‬ئەلەف، يەبۇسى (يەنى يېرۇسالېم)، گىبېئاھ ۋە كىرىئات بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنت‫‪‎-‎‬‬قىشلاقلارمۇ بار ئىدى. بۇ بولسا بىنيامىنلارنىڭ مىراس ئۈلۈشى بولۇپ، جەمەت‫‪‎-‎‬‬ئائىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا بېرىلگەنىدى.