Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 12

يۇھاننا 12:21-36

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت‫‪‎-‎‬‬سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
22فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى.
23لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى يېتىپ كەلدى.   
24بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ.   
25كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ.   
26كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.
27ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائەت ئۈچۈن كەلدىم.   
28ئاتا، نامىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى.
29بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق‫‪:‬‬ ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا‫‪:‬‬ ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى.
30ئەيسا بولسا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى.
31ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى.   
32ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى
33(ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى).
34خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ بىز مۇقەددەس قانۇندىن مەسىھنىڭ ئەبەدگىچە قالىدىغىنىنى ئاڭلىغان؛ سەن قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دەيسەن؟! بۇ قانداقمۇ «ئىنسانئوغلى» بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى.  
35شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
36نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى. ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.

Read يۇھاننا 12يۇھاننا 12
Compare يۇھاننا 12:21-36يۇھاننا 12:21-36