Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 10

يۇھاننا 10:25-40

Help us?
Click on verse(s) to share them!
25ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن ئىشەنمەيسىلەر. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئۆزى ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
26بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر.
27مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ.
28مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.
29ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ.
30مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا بىردۇرمىز.  
31بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى.
32ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى.
33ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن.
34ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى‫‪:‬‬ ــ سىلەرگە تەۋە مۇقەددەس قانۇندا «مەن ئېيتتىم، سىلەر ئىلاھلارسىلەر» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟   
35خۇدا ئۆز سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ)
36نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟   
37ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار.
38بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر.
39بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى.
40ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

Read يۇھاننا 10يۇھاننا 10
Compare يۇھاننا 10:25-40يۇھاننا 10:25-40