Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لۇقا - لۇقا 6

لۇقا 6:6-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.
7ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان‫‪‎-‎‬‬ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.
8بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە‫‪:‬‬ ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى.
9ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
10ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە‫‪:‬‬ ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى.   
11لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى.
12شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.
13تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى.
14ئۇلار‫‪:‬‬ سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي،
15ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون،
16ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.
17ئەيسا روسۇللىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ‫‪‎-‎‬‬توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى.
18ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى.
19بۇ توپ‫‪‎-‎‬‬توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى.

Read لۇقا 6لۇقا 6
Compare لۇقا 6:6-19لۇقا 6:6-19