12سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا كىرىپ كەلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ھويلا-ئايۋانلىرىمنى شۇنداق دەسسەپ-چەيلەشنى كىم تەلەپ قىلغان؟
13بىھۇدە «ئاشلىق ھەدىيە»لەرنى ئېلىپ كېلىشنى بولدى قىلىڭلار، خۇشبۇي بولسا ماڭا يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. «يېڭى ئاي» ھېيتلىرى ۋە «شابات كۈن»لىرىگە، جامائەت ئىبادەت سورۇنلىرىغا چاقىرىلىشلارغا ــ قىسقىسى، قەبىھلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق يىغىلىشلارغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
14«يېڭى ئاي» ھېيتىڭلاردىن، بېكىتىلگەن ھېيت-بايرىمىڭلاردىن قەلبىم نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۇلار ماڭا يۈك بولۇپ قالدى؛ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشتىن چارچاپ كەتتىم.
15قولۇڭلارنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا يايغىنىڭلاردا، كۆزۈمنى سىلەردىن ئېلىپ قاچىمەن؛ بەرھەق، كۆپلەپ دۇئالارنى قىلغىنىڭلاردا، ئاڭلىمايمەن؛ چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالدى.