Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشايا - يەشايا 11

يەشايا 11:9-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش‫‪‎-‎‬‬تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.
10شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛ ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپكە تولىدۇ.
11شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ.
12ئۇ ئەللەرنى چاقىرىش ئۈچۈن بىر تۇغ كۆتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىدىن ئىسرائىلنىڭ غېرىبلىرىنى جەم قىلىپ، يەھۇدادىن تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىدۇ.
13شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمغا بولغان ھەسەتخورلۇق يوقايدۇ، يەھۇدانى خارلىغانلارمۇ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ئەفرائىم يەھۇداغا ھەسەت قىلمايدۇ، يەھۇدا بولسا ئەفرائىمنى خورلىمايدۇ.
14بىراق ئۇلار غەرب تەرەپتە فىلىستىيلەرنىڭ مۈرىسىگە ئۇچۇپ چۈشىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە شەرقتىكى خەلقلەردىن ئولجا ئالىدۇ؛ ئۇلار ئېدوم ۋە موئاب ئۈستىگە قوللىرىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئاممونىيلارمۇ ئۇلارغا بېقىنىدۇ.
15پەرۋەردىگار مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى»نى يوق قىلىدۇ؛ ئۇ كۈچلۈك پىژغىرىن شامال بىلەن ئەفرات دەرياسىنىڭ ئۈستىگە قولىنى بېغىرلىتىپ ئۇچۇرىدۇ، ئۇنى ئادەم ئايىغى قۇرۇق ھالدا مېڭىپ ئۆتكۈدەك يەتتە ئېرىق قىلىپ ئۇرىدۇ؛

Read يەشايا 11يەشايا 11
Compare يەشايا 11:9-15يەشايا 11:9-15