35شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇ ئۇلارغا: ــ دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، ــ دېدى.
36خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى.
37ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى.
38لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ ــ دېدى.
39ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
40ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.