2ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئۇ ئىككى مۇخلىسىغا ئالدىن ماڭدۇرۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار.
3ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى ۋە ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ دەڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى.
4ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يەشتى.
5ئۇ يەردە تۇرغانلاردىن بەزىلەر: ــ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
6مۇخلىسلار ئەيسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاۋاب بەردى، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى.
7مۇخلىسلار تەخەينى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز يېپىنچا-چاپانلىرىنى تاشلىدى؛ ئۇ ئۈستىگە مىندى.
8ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى.
9ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!
10ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
11ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى.
12ئەتىسى، ئۇلار بەيت-ئانىيادىن چىققاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
13يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى؛ لېكىن تۈۋىگە كەلگەندە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان پەسىل ئەمەس ئىدى.
14ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ: ــ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! ــ دېدى. مۇخلىسلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى.
15ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛
16ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى.
17ئۇ خەلققە: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! ــ دەپ تەلىم باشلىدى.
18باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى.
19كەچقۇرۇن، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
20ئەتىسى سەھەردە، ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى.
21دەرەخنىڭ ھالىتىنى ئېسىگە كەلتۈرگەن پېترۇس: ــ ئۇستاز، قارا، سەن قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! ــ دېدى.
22ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار.
23مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
24شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.
25ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
26لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.
27ئۇلار يېرۇسالېمغا قايتىدىن كىردى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:
28ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى.
29ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن:
30ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ!
31ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
32ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى).
33بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: ــ بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.