Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس

ماركۇس 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى‫‪:‬‬
2يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خاتىرىلەنگەندەك‫‪:‬‬ ــ «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ.  
3ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! ئۇ‫‪:‬‬ «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ دەيدۇ».  
4كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يەھيا پەيعەمبەر چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا پەيدا بولۇپ، گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان سۇغا «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشقا باشلىدى.  
5پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەر ۋە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.
6يەھيا بولسا تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى؛ يېمەكلىكى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
7ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى‫‪:‬‬ ــ مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرى مەندىن كېيىن كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!
8مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
9شۇ كۈنلەردە، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسارەت شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.
10ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.   
11شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلاردىن‫‪:‬‬ «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
12ۋە روھ دەرھال ئۇنى چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى.   
13ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ئىدى؛ شۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدى.
15ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ‫‪:‬‬ «ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى.  
16شۇ كۈنلەردە ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمون بىلەن ئىنىسى ئاندرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى.  
17ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار, مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى.   
18ئۇلار شۇئان تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
19ئۇ شۇ يەردىن بىرئاز ئۆتۈپ زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپنى ئىنىسى يۇھاننا بىلەن كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە تۇرۇپ تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.

20ئۇ شۇئان ئۇلارنىمۇ چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ بىلەن ماڭدى.
21ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. شابات كۈنى ئۇ ئۇدۇل سىناگوگقا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى.   
22خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.
23سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ‫‪:‬‬  
24ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلايتتى.
25لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! ــ دېدى.
26ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى.
27خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ‫‪:‬‬ ــ بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، ــ دېيىشتى.
28بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۆھرىتى شۇ ھامان پۈتۈن گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىغا پۇر كەتتى.
29ئۇلار سىناگوگدىن چىقىپلا، ياقۇپ ۋە يۇھاننا بىلەن سىمون ۋە ئاندرىياسنىڭ ئۆيىگە باردى.
30ئەمما سىموننىڭ قېينئانىسى قىزىتما ئىچىدە يېتىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئەيساغا ئېيتتى.
31ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزدى. ئۇنىڭ قىزىتمىسى دەرھال ياندى ۋە ئۇ ئۇلارنى كۈتۈشكە كىرىشتى.
32كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى.   
33پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى.
34شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.
35ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى ئاتماستىنلا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەردىن چىقىپ، خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلدى.
36سىمون بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى ئىزدەپ چىقتى.
37ئۇنى تاپقاندا‫‪:‬‬ ــ ھەممە ئادەم سېنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى.

38ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ باشقا يەرلەرگە، ئەتراپتىكى يېزىلاردىمۇ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى جاكارلىشىم ئۈچۈن بارايلى. چۈنكى مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كېلىشىم، ــ دېدى.   
39شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى.
40ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دەپ ئۆتۈندى.  
41ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ خالايمەن، پاك قىلىنغىن! ــ دېۋىدى،
42شۇ سۆز بىلەنلا ماخاۋ كېسىلى دەرھال بىماردىن كېتىپ، ئۇ پاك قىلىندى.
43ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ مەسئۇل كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، كاھىنلاردا گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن، ــ دەپ ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى.  
45بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى كۆپ يەرلەردە جار سېلىپ، كەڭ يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارا كىرەلمەي، بەلكى شەھەرلەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ خالايىق ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى.