1«ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيتتى.
2چۈنكى ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشەتتى.
3ئەمدى ئۇ بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئاق قاشتېشى شىشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئايال ئاق قاشتېشى شېشىنى چېقىپ، ئەتىرنى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى.
4لېكىن بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئەتىر نېمە دەپ شۇنداق ئىسراپ قىلىنىدۇ؟
5چۈنكى بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى، پۇلى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىنسا بولمامتى! ــ دېيىشتى. ئۇلار ئايالغا شۇنداق تاپا-تەنە قىلغىلى تۇردى.
6لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويۇڭلار، نېمە دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىسىلەر؟ ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە ياخشى ئىش قىلدى.
7چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتىڭلاردا ئۇلارغا خەير-ساخاۋەت كۆرسىتەلەيسىلەر؛ لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ!
8ئايال چامىنىڭ يېتىشىچە قىلدى؛ ئۇ مېنىڭ بەدىنىمنىڭ دەپنە قىلىنىشىغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى.
9مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى.
10شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ئۇنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا باردى.
11ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدا ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ يۈرەتتى.
12پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى سويۇلىدىغان كۈنى، مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يېيىشىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
13ئۇ مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئالدىن ماڭغۇزۇپ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭلار.
14ئۇ ئادەم نەگە كىرسە شۇ ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستاز: مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا قەيەردە؟ ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» ــ دەڭلار.
15ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە بىزگە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار، ــ دېدى.
16مۇخلىسلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىرىپ، يولۇققان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئېيتقاندەك بولدى. شۇ يەردە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى.
17كەچ كىرگەندە، ئۇ ئون ئىككەيلەن بىلەن ئۆيگە كەلدى.
18ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا ئەيسا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن، مەن بىلەن بىللە غىزالىنىۋاتقان بىرسى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى.
19ئۇلار بۇ سۆزدىن قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. يەنە بىرسى: ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دېدى.
20لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ شۇ كىشى ئون ئىككەيلەننىڭ بىرى، يەنى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگۈچى بولىدۇ.
21ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەندەك ئالەمدىن كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى! ــ دېدى.
22ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى.
23ئاندىن ئۇ قولىغا جامنى ئېلىپ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا سۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچىشتى.
24ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر.
25مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىدىن شارابتىن ئىچىدىغان كۈنگىچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى.
26ئۇلار بىر مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى.
27ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: سىلەر ھەممىڭلار تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن.
28لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى.
29لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ھەممەيلەن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى.
30ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن، يەنى بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى.
31لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلىدىغان ئىش كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى.
32ئاندىن ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر جايغا كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېدى.
33ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى.
34ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېدى.
35ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم ياتتى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ:
36ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى.
37ئۇ ئۈچەيلەننىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ ئەي سىمون، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭمۇ؟!
38ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى.
39ئاندىن ئۇ يەنە بېرىپ، ئوخشاش سۆزلەر بىلەن قايتىدىن دۇئا قىلدى.
40ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى.
41ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ ئەمدى بولدى بەس! ۋاقىت-سائىتى كەلدى؛ مانا، ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى!
42قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى.
43ۋە شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، مانا، ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى.
44ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى.
45ئۇ كېلىپ ئۇدۇل ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى.
46ئۇلار ئۇنىڭغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى.
47ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلاردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.
48ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟
49مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى.
50بۇ چاغدا، ھەممەيلەن ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى.
51پەقەت ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ياش ئەسكەرلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىۋىدى،
52لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى.
53ئەمدى ئۇلار ئەيسانى باش كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى.
54پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارايىدىكى ھويلىنىڭ ئىچىگىچە يىراقتىن ئەگىشىپ كەلدى؛ ئۇ قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئوتنىڭ نۇرىدا ئوتسىنىپ ئولتۇردى.
55باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى.
56چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھچىلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلمەيتتى.
57بەزى ئادەملەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ:
58ــ بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېدى.
59ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىدى.
60ئاندىن باش كاھىن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسادىن: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
61لېكىن ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش كاھىن ئۇنى قىستاپ يەنە ئۇنىڭدىن: ــ سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
62شۇنداق، مەن ئۆزۈم، ــ دېدى ئەيسا، ــ ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.
63شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟
64ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتى.
65ئاندىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، پەيغەمبەرچىلىك قىلىپ بېشارەت بېرە!» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى.
66پېترۇس ساراينىڭ تۆۋەنكى ھويلىسىدا تۇرغاندا، باش كاھىننىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ،
67ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ: ــ سەنمۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىللە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى.
68لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، ــ دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئايۋانىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسمادا خوراز بىر چىللىدى.
69ئۇنى يەنە كۆرگەن ھېلىقى دېدەك يەنە ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئۇلاردىن بىرى، ــ دېگىلى تۇردى.
70پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە: ــ بەرھەق، سەن ئۇلارنىڭ بىرىسەن. چۈنكى سەنمۇ گالىلىيەلىك ئىكەنسەنغۇ؟! ــ دېيىشتى.
71لېكىن ئۇ قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ سىلەر دەۋاتقان ھېلىقى ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دېدى.
72دەل شۇ چاغدا خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى؛ ۋە بۇلارنى ئويلاپ يىغلاپ كەتتى.