Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ماركۇس

ماركۇس 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن كەپەرناھۇمغا كىردى. ئۇ ئۆيدىكەن، دېگەن خەۋەر تارقىلىۋىدى،
2شۇنچە كۆپ ئادەم ئۇ يەرگە يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت دەسسىگۈدەك يەر قالمىغانىدى. ئۇ ئۇلارغا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام يەتكۈزۈۋاتاتتى.
3مانا شۇ ئەسنادا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پالەچنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۇنى ئۇلاردىن تۆتى كۆتۈرۈپ ئەكەلگەنىدى.
4ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆگزىنى تېشىپ، تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن پالەچنى زەمبىل بىلەن ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى.
5ئەمدى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە‫‪:‬‬ ــ بالام، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.
6لېكىن ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە گۇمانىي سوئاللارنى قويۇپ‫‪:‬‬
7«بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ كۇپۇرلۇق قىلىۋاتىدىغۇ! خۇدادىن باشقا كىممۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالىسۇن؟» دېيىشتى.
8ئەيسا شۇئان روھىدا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە شۇنداق گۇمانىي سوئاللارنى قويۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ سىلەر كۆڭۈلدە نېمىشقا شۇنداق سوئاللارنى قويىسىلەر؟
9مۇشۇ پالەچكە‫‪:‬‬ «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل‫‪‎-‎‬‬كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟
10ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە‫‪:‬‬
11ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل‫‪‎-‎‬‬كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دېدى.
12ئۇ دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، زەمبىل‫‪‎-‎‬‬كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەممەيلەن قاتتىق ھەيران قېلىپ خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ‫‪:‬‬ ــ مۇشۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، ــ دېيىشتى.
13ئۇ يەنە دېڭىز بويىغا قاراپ ماڭدى. كىشىلەر توپى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالدى. ئۇ ئۇلارغا تەلىم بەردى.
14ئۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، باج ئالىدىغان ئورۇندا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئەگەشكىن، ــ دېدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
15ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ لاۋىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكارلار ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكەنىدى.
16ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئۇنىڭ گۇناھكارلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، مۇخلىسلىرىغا‫‪:‬‬ ــ ئۇ نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ ئولتۇرىدۇ؟! ــ دېيىشتى.
17بۇنى ئاڭلىغان ئەيسا ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى بىمارلار تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.  
18ئەمدى يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتۇۋاتاتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرى روزا تۇتىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ تۇتمايدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.

19ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ.   
20ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە روزا تۇتىدۇ.
21ھېچكىم كونا كۆڭلەككە يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى ياماق كىرىشىپ، كونا كىيىمنى تارتىشتۇرۇپ يىرتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ.
22ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، شارابنىڭ ئېچىشى بىلەن تۇلۇملار يېرىلىپ كېتىدۇ‫‪‎-‎‬‬دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ ھەم تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىشى كېرەك.
23بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى يولدا مېڭىۋاتقاندا باشاقلارنى ئۈزۈشكە باشلىدى.   
24پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قارا، ئۇلار نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ؟ ــ دېيىشتى.  
25ئۇ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆزى ۋە ھەمراھلىرى ھاجەتمەن بولغاندا، يەنى ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟   
26ــ دېمەك، ئابىئاتار باش كاھىن بولغان ۋاقتىدا، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان، تەۋراتتا پەقەت كاھىنلارنىڭ يېيىشىگىلا بولىدىغان نانلارنى سوراپ يېگەن، شۇنداقلا ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن؟ ــ دېدى.  
27ئۇ ئۇلارغا يەنە‫‪:‬‬ ــ ئىنسان شابات كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، شابات كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى.
28شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى.