Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 20

باتۇر ھاكىملار 20:30-44

Help us?
Click on verse(s) to share them!
30ئۈچىنچى كۈنى ئىسرائىللار ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلىشقا گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ سەپ تۈزدى.
31بىنيامىن ئىسرائىل خەلقىگە قارشى جەڭگە چىقىۋىدى، خەلق ئۇلارنى شەھەردىن ئازدۇرۇپ چىقتى. ئۇلار بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە چىقىدىغان يول ۋە گىبېئاھقا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدە ھەم دالادا خەلقنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدەك ئۇرۇپ قىرغىلى تۇردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىدىن ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈردى.
32بىنيامىنلار‫‪:‬‬ ــ ئۇلار يەنىلا ئاۋۋالقىدەك مەغلۇپ بولدى، ــ دېيىشتى. ئەمما ئىسرائىل‫‪:‬‬ ــ بىزلەر قېچىپ ئۇلارنى شەھەردىن ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ، يوللارغا ئېلىپ چىقايلى، دەپ مەسلىھەتلىشىۋالغانىدى.
33شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى ئۆز جايىدىن قوپۇپ بائال‫‪‎-‎‬‬تامارغا بېرىپ سەپ تۈزدى، پىستىرمىدا تۇرغان ئىسرائىللارمۇ ئۆز جايىدىن، يەنى گېبادىكى چىمەندىن چىقىپ كەلدى.
34ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن سەرخىل ئون مىڭ كىشى گىبېئاھنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى، جەڭ قاتتىق بولدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە بالا يېقىنلاشقىنىنى بىلمەي قالدى.
35پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلغاچقا، ئۇلار ئۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن يىگىرمە بەش مىڭ بىر يۈز قىلىچ تۇتقان ئادەمنى ئۆلتۈردى.
36ئەمدى بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى كۆردى. ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئەسلىدە گىبېئاھقا قويغان پىستىرمىدىكى كىشىلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، ئالدىدا چېكىنگەنىدى.
37ئۇ ۋاقىتتا پىستىرمىدىكىلەر تېزدىن ئاتلىنىپ گىبېئاھقا ھۇجۇم قىلىپ بېسىپ كىرىپ، شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ قىردى.
38ئىسرائىللار ئەسلىدە پىستىرمىدىكىلەر بىلەن ئالدىنئالا نىشان ئۈچۈن بەلگە بېكىتكەنىدى، يەنى شەھەرگە ئوت قۇيۇپ، قېلىن تۈتۈن تۈۋرۈكىنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىنى بەلگە قىلىشقا كېلىشىۋالغانىدى.
39شۇڭا ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇشتىن ۋاقتىنچە چېكىنگەندە، بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ سوقۇپ، ئوتتۇزچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ‫‪:‬‬ ــ مانا، ئىسرائىل ئاۋۋالقى جەڭدىكىدەك ئالدىمىزدا شەكسىز تارمار بولىدۇ، ــ دېيىشتى.
40لېكىن شەھەرنىڭ ئىچىدىن تۈتۈن تۈۋرۈك ئۆرلەپ چىققاندا، بىنيامىنلار كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، مانا، پۈتكۈل شەھەر ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەك بولۇپ ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
41شۇ ھامان ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بۇرۇلۇپ يېنىپ كەلدى، بىنيامىننىڭ ئادەملىرى بولسا‫‪:‬‬ بىزگە بالا يېقىنلاشتى دەپ، ۋەھىمىگە چۈشتى.
42ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ چۆللۈككە ماڭىدىغان يول بىلەن قېچىپ كەتتى؛ لېكىن جەڭ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ ماڭدى؛ ئەتراپىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئادەملەر چىقىپ ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ھالاك قىلدى.
43شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىنيامىنلارنى قورشىۋالدى، ئۇلارنى كۈن چىقىش تەرىپىدىكى گېبانىڭ ئۇدۇلىغىچە توختىماي قوغلاپ بېرىپ، چەيلەپ ئۆلتۈردى.
44بۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلاردىن ئون سەككىز مىڭ كىشى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلار ئىدى.

Read باتۇر ھاكىملار 20باتۇر ھاكىملار 20
Compare باتۇر ھاكىملار 20:30-44باتۇر ھاكىملار 20:30-44