Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 16

باتۇر ھاكىملار 16:2-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2لېكىن گازالىقلار بىرسىنىڭ‫‪:‬‬ ــ شىمشون بۇ يەرگە كەلدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاپ، كېچىچە شەھەرنىڭ قوۋۇقىدا ئۈن چىقارماي ماراپ تۇردى ۋە‫‪:‬‬ ئەتە تاڭ يورۇغاندا ئۇنى ئۆلتۈرىمىز، ــ دېيىشتى.
3شىمشون يېرىم كېچىگىچە ياتتى؛ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ شەھەر قوۋۇقىنىڭ ئىككى قانىتىنى تۇتۇپ، ئۇنى ئىككى كېشىكى ۋە بالداق‫‪‎-‎‬‬تاقىقى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا قومۇرۇپ، ئۆشنىسىگە ئارتىپ ھېبروننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاغقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
4كېيىن ئۇ سورەك جىلغىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىلىلاھ ئىسىملىك بىر ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدى.
5بۇنى بىلىپ فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى كولاپ سوراپ، بىزنىڭ قانداق قىلساق ئۇنى يېڭەلەيدىغانلىقىمىزنى، ئۇنى باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرسەڭ، بىز ھەربىرىمىز ساڭا بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، ــ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ شىمشوندىن‫‪:‬‬ ــ سەن كۈچتۈڭگۈرلۈكۈڭنىڭ زادى نەدىن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا سېنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن! ــ دېدى.
7شىمشون ئۇنىڭغا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ ئادەملەر مېنى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچى بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى.
8شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى يەتتە تال قۇرۇتۇلمىغان يېڭى يا كىرىچىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئايالغا بېرىۋىدى، ئۇ بۇ كىرىچلەر بىلەن ئۇنى باغلاپ قويدى
9(دىلىلاھ بىرنەچچە ئادەمنى ھۇجرىدا پايلاپ تۇرۇشقا يوشۇرۇپ قويغانىدى). ئۇ شىمشونغا‫‪:‬‬ ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. ئۇ قوپۇپ كىرىچلەرنى چىگە شوينا ئوتتا كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى.
10بۇنى كۆرۈپ دىلىلاھ شىمشونغا‫‪:‬‬ ــ مانا، سەن مېنى ئالداپ، ماڭا يالغان ئېيتىپسەن! ئەمدى ماڭا سېنى نېمە بىلەن باغلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىن، ــ دېدى.
11ئۇ جاۋاپ بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئادەملەر مېنى ھېچ ئىشلەتمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن باغلىسا، مەن ئاجىزلاپ باشقا ئادەملەردەك بولۇپ قالىمەن، ــ دېدى.
12شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باغلاپ‫‪:‬‬ ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى (ئەسلىدە بىرنەچچە ئادەم ھۇجرىدا يوشۇرۇنۇپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇشقانىدى). لېكىن شىمشون ئۆز قولىدىكى ئارغامچىلارنى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى.

Read باتۇر ھاكىملار 16باتۇر ھاكىملار 16
Compare باتۇر ھاكىملار 16:2-12باتۇر ھاكىملار 16:2-12