Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يەشۇئا - يەشۇئا 23

يەشۇئا 23:5-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى ئۇلارنى ئالدىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، كۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنىدەك سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىسىلەر.
6شۇڭا سىلەر تولىمۇ قەيسەر بولۇپ مۇسانىڭ قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئوڭ يا سولغا چەتنەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار؛
7شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردا قېلىپ قالغان بۇ تائىپىلەر بىلەن باردى‫‪‎-‎‬‬كەلدى قىلماڭلار؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرىنى تىلغا ئالماڭلار ياكى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار؛ ئۇلارغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇلارغا باش ئۇرماڭلار؛
8بەلكى بۈگۈنگىچە قىلغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا باغلىنىپ تۇرۇڭلار.
9چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردىن چوڭ‫‪‎-‎‬‬چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەندۇر؛ بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئادەم ئالدىڭلاردا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى.
10پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئېيتقىنى بويىچە سىلەر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغىنى ئۈچۈن سىلەردىن بىر ئادىمىڭلار ئۇلارنىڭ مىڭ ئادىمىنى تىرىپىرەن قىلىدۇ.
11شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلۈڭلارغا قاتتىق سەگەك بولۇڭلار!
12چۈنكى ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئاراڭلاردا قالغان بۇ ئەللەر بىلەن ئارىلىشىپ‫‪‎-‎‬‬باغلىنىپ، ئۇلار بىلەن قودا‫‪‎-‎‬‬باجا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بېرىش‫‪‎-‎‬‬كېلىش قىلساڭلار،

Read يەشۇئا 23يەشۇئا 23
Compare يەشۇئا 23:5-12يەشۇئا 23:5-12