Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - باتۇر ھاكىملار - باتۇر ھاكىملار 20

باتۇر ھاكىملار 20:7-18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار».
8شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ‫‪:‬‬ ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن،
9بەلكى بىز گىبېئاھقا شۇنداق قىلايلىكى‫‪:‬‬ ــ بىز چەك تاشلاپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى؛
10بىز ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىسىدىكىلەردىن يۈزنىڭ ئىچىدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى خەلق ئۈچۈن ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تالقان يەتكۈزۈشكە تەيىنلەيلى. شۇنداق قىلىپ خەلق بىنيامىن يۇرتىدىكى گىبېئاھ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە قىلغان بارلىق ئىپلاسلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇرسۇن، ــ دېيىشتى.
11شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى بىر ئادەمدەك بولۇپ، ئۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا توپلاندى.
12ئاندىن ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىننىڭ بارلىق جەمەتلىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ‫‪:‬‬ ــ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن بۇ رەزىللىك زادى نېمە ئىش؟
13ئەمدى گىبېئاھدىكى بۇ لۈكچەكلەرنى بىزگە تۇتۇپ بېرىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىپ، ئىسرائىلدىن رەزىللىكنى يوق قىلايلى، ــ دېدى. لېكىن بىنيامىنلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ سۆزىنى تىڭشىمىدى،   
14بەلكى بىنيامىنلار ئىسرائىلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن شەھەر‫‪‎-‎‬‬شەھەرلەردىن كېلىپ گىبېئاھدا يىغىلدى.
15ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىنلاردىن شەھەر‫‪‎-‎‬‬شەھەرلەردىن تىزىملانغانلار يىگىرمە ئالتە مىڭ قىلىچ تۇتقان ئەركەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گىبېئاھدىن خىللانغان يەتتە يۈز ئەسكەر بار ئىدى.
16بۇ پۈتكۈل قوشۇن ئارىسىدا خىللانغان يەتتە يۈز سولخاي ئەسكەر بولۇپ، سالغۇغا تاشنى سېلىپ نىشانغا ئاتسا، قىلچىمۇ قېيىپ كەتمەيتتى.
17بىنيامىن قەبىلىسىدىن باشقا، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلىۋىدى، قىلىچ تۇتقانلار تۆت يۈز مىڭ ئەركەك چىقتى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭچىلەر ئىدى.
18ئىسرائىل قوپۇپ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە چىقىپ خۇدادىن‫‪:‬‬ ــ بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم ئاۋۋال چىقىپ بىنيامىنلار بىلەن سوقۇشسۇن، دەپ سورىۋىدى، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ يەھۇدا ئاۋۋال چىقسۇن، دېدى.

Read باتۇر ھاكىملار 20باتۇر ھاكىملار 20
Compare باتۇر ھاكىملار 20:7-18باتۇر ھاكىملار 20:7-18