1تۆۋەندىكىلەر نېبوقادنەسار تەرىپىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتكەنلەر: ــ
2ــ ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، سېرايا، رەئىلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رەھۇم ۋە بائاناھلار بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ
3پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛
4شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛
5ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛
6پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون ئىككى كىشى؛
7ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
8زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز قىرىق بەش كىشى؛
9زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛
10بانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛
11بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
12ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛
13ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە كىشى؛
14بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئەللىك ئالتە كىشى؛
15ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى تۆت يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
16ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛
17بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
18يوراھنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛
19ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
20گىببارنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛
21بەيت-لەھەملىكلەر بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
22نىتوفالىقلار ئەللىك ئالتە كىشى؛
23ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛
24ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى؛
25كىرىئات-ئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛
26راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛
27مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛
28بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛
29نېبولىقلار ئەللىك ئىككى كىشى؛
30ماگبىشنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئەللىك ئالتە كىشى؛
31ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛
32ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛
33لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بەش كىشى؛
34يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛
35سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى.
36كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛
37ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛
38پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛
39ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى.
40لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خوداۋىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى؛
41غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى.
42دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز توققۇز كىشى.
43ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى،
44كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىياھانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى،
45لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى،
46ھاگابنىڭ ئەۋلادلىرى، شاملاينىڭ ئەۋلادلىرى، ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى،
47گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى،
48رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى،
49ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، بىساينىڭ ئەۋلادلىرى،
50ئاسناھنىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسىمنىڭ ئەۋلادلىرى،
51باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى،
52بازلۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى،
53باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى،
54نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرى.
55سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پىرۇدانىڭ ئەۋلادلىرى،
56يائالاھنىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى،
57شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئامىنىڭ ئەۋلادلىرى.
58ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى.
59تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددان ۋە ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى.
60بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز ئەللىك ئىككى كىشى؛
61كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى.
62بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى.
63ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى.
64پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛
65بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى.
66ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى،
67تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى.
68جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمغا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدا، خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئەسلى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنىشى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.
69ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇربىغا قاراپ قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە ئاتمىش بىر مىڭ دارىك ئالتۇن، بەش مىڭ مىنا كۈمۈش ۋە يۈز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى.
70شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى؛ قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى.