Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزرا

ئەزرا 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى رەقىبلەر سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سالماقچىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ،
2زەرۇببابەل ۋە جەمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ‫‪:‬‬ ــ بىز سىلەر بىلەن بىللە سالايلى؛ چۈنكى بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنى ئىزلەپ، بىزنى بۇ يەرگە ئەكەلگەن ئاسۇرىيە پادىشاھى ئېسار‫‪‎-‎‬‬ھاددوننىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، دېيىشتى.
3لېكىن زەرۇببابەل، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ خۇدايىمىزغا ئۆي سېلىشتا سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقەڭلار يوق؛ بەلكى پارس پادىشاھى قورەش بىزگە بۇيرۇغاندەك، پەقەت بىز ئۆزىمىزلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سالىمىز، دېيىشتى.
4شۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردىكى ئاھالە يەھۇدالارنىڭ قولىنى ئاجىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ تۇردى.
5ئۇلار يەنە پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بارلىق كۈنلىرىدىن تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە ئولتۇرغان ۋاقىتقىچە، دائىم مەسلىھەتچىلەرنى سېتىۋېلىپ، يەھۇدالار بىلەن قېرىشىپ، قۇرۇلۇش نىشانىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى.
6ئاھاشۋېروش تەختكە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۇنىڭغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈستىدىن بىر ئەرزنامە يازدى.
7شۇنىڭدەك ئارتاخشاشتا كۈنلىرىدە بىشلام، مىترىدات، تابەئەل ۋە ئۇلارنىڭ قالغان شېرىكلىرىمۇ پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتاغا ئارامىي تىلىدا بىر ئەرز خېتىنى يازدى؛ خەت ئارامىي تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.
8ۋالىي رەھۇم بىلەن دىۋان بېگى شىمشاي پادىشاھ ئارتاخشاشتاغا يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى‫‪:‬‬ ــ
9«مەزكۇر مەكتۇپنى يازغانلاردىن، ۋالىي رەھۇم، كاتىپ بېگى شىمشاي ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ھەمراھلىرى بولغان سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار، ئارقىۋىلىقلار، بابىللىقلار، شۇشانلىقلار، يەنى ئېلامىيلار
10ۋە ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار سامارىيە شەھىرىگە ۋە ئەفرات دەرياسىنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاھالىمۇ بار
11(مانا بۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھقا يازغان خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى) ــ ئۆزلىرىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن پادىشاھ ئالىلىرى ئارتاخشاشتاغا سالام!
12پادىشاھ ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، ئۆزلىرى تەرەپتىن بىز تەرەپكە كەلگەن يەھۇدىيلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى؛ ئۇلار ئاشۇ ئاسىي ۋە سېسىق شەھەرنى قۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلىنى ياساپ پۈتتۈردى، سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ.
13ئەمدى ئۇلۇغ پادىشاھ ئالىيلىرىگە شۇ مەلۇم بولغايكى، مۇبادا بۇ شەھەر ئوڭلانسا، سېپىل پۈتكۈزۈلسە، ئۇلار باج تاپشۇرمايدىغان، ئولپان تۆلىمەيدىغان ۋە پاراق تاپشۇرمايدىغان بولۇۋالىدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە پادىشاھلارنىڭ خەزىنىسىگە سۆزسىز زىيان بولىدۇ.
14بىز ئوردىنىڭ تۇزىنى يەپ تۇرۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇشىمىزغا قەتئىي توغرا كەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن پادىشاھىمىزغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇق.
15شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرىنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ تارىخنامىسىنى سۈرۈشتە قىلىشلىرىنى تەشەببۇس قىلىمىز؛ سىلى تارىخنامىدىن بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھلارغىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن ئاسىي بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، قەدىمدىن تارتىپ بۇ شەھەردىكىلەر ئاغدۇرمىچىلىق تېرىغانلىقىنى بىلگەيلا؛ دەل شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر ۋەيران قىلىنغانىدى.
16شۇڭا بىز ئالىيلىرىغا شۇنى ئۇقتۇرماقچىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قۇرۇلسا، سېپىللىرى پۈتكۈزۈلسە، ئۇنداقتا سىلىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى يەرلەرگە ھېچقانداق ئىگىدارچىلىقلىرى بولماي قالىدۇ».
17پادىشاھ مۇنداق جاۋاب يوللىدى‫‪:‬‬ ــ «ۋالىي رەھۇم، دىۋان بېگى شىمشايغا ۋە سامارىيە ھەم دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەردە تۇرۇشلۇق ھەمراھلىرىڭلارغا سالام!
18سىلەرنىڭ بىزگە يازغان ئەرز خېتىڭلار مېنىڭ ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىلدى.

19تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى بۇيرۇۋىدىم، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋەقە قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ ئىسيان قوزغىغان، شەھەردە دائىم ئاسىيلىق‫‪‎-‎‬‬قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتەك ئىشلارنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
20ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قۇدرەتلىك پادىشاھلار يېرۇسالېمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن، ئۇلار شۇلارغا بېقىنىپ باج، ئولپان ۋە پارىقىنى تاپشۇرۇپ كەلگەنىكەن.
21ئەمدى سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇ خەلقنى ئىشتىن توختىتىڭلار، مەندىن باشقا يارلىق چۈشۈرۈلمىگۈچە، بۇ شەھەرنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇڭلار.
22بۇ ئىشنى ئادا قىلماي قېلىشتىن پەخەس بولۇڭلار؛ پادىشاھلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئاپەت نېمىشقا كۈچىيىۋېرىدىكەن؟».
23پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يارلىقىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى رەھۇمغا، دىۋان بېگى شىمشاي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوقۇپ بېرىلىشى بىلەنلا، ئۇلار ئالمان‫‪‎-‎‬‬تالمان يېرۇسالېمدىكى يەھۇدالارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئىشنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى.
24شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىشلار توختىدى؛ ئىش تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلىغىچە توختاغلىق قالدى.