Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەزرا

ئەزرا 8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پادىشاھ ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرۈپ تۇرغان ۋاقىتتا، بابىلدىن مېنىڭ بىلەن بىللە قايتقانلارنىڭ ئاتا جەمەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى تۆۋەندىكىچە‫‪:‬‬ ــ
2فىنىھاسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن گەرشون، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاتتۇش،
3شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەسەبنامىدە تىزىملانغان ئەركەكلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك كىشى؛
4پاھات‫‪‎-‎‬‬موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەراھىياھنىڭ ئوغلى ئەليويىناي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز كىشى؛
5شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ياھازىيەلنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئۈچ يۈز كىشى؛
6ئادىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئەللىك كىشى؛
7ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاتالىيانىڭ ئوغلى يەشايا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى؛
8شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر سەكسەن كىشى؛
9يوئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەلنىڭ ئوغلى ئوبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز ئون سەككىز كىشى؛
10شېلومىتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفىيانىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئاتمىش كىشى؛
11بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىباينىڭ ئوغلى زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يىگىرمە سەككىز كىشى؛
12ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاككاتاننىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئون كىشى؛
13ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قايتقانلارنىڭ ئىسىملىرى ئەلىفەلەت، جەئىيەل ۋە شېمايا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئاتمىش كىشى؛
14بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بىلەن زاببۇد ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى.
15ــ مەن ئۇلارنى ئاخاۋاغا ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا يىغدىم؛ بىز ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئۈچ كۈن تۇردۇق. خەلقنى ۋە كاھىنلارنى ئارىلاپ قارىسام ئۇ يەردە لاۋىيلار يوق ئىكەن.
16شۇڭا مەن باشلىقلاردىن ئەلىئېزەر، ئارىيەل، شېمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللاملارنى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئالىملاردىن يوئارىب بىلەن ئەلناتاننى چاقىرتىپ كېلىپ،
17ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ كاسىفىيا دېگەن يەرگە، ئىددو دېگەن ئاتامان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتىم. مەن كاسىفىيا دېگەن يەردە ئىددوغا ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بولغان قېرىنداشلىرىغا دەيدىغان گەپلەرنى ئاغزىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى بىزگە ئەكېلىشنى ئۆتۈندۇم.
18خۇدايىمىزنىڭ شاپائەتلىك قولى بىزدە بولغاچقا، ئۇلار بىزگە ئىسرائىلنىڭ ئەۋرىسى، لاۋىينىڭ نەۋرىسى ماھلىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئوقۇمۇشلۇق بىر ئادەمنى، يەنى شەرەبىيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى باشلاپ كەلدى.
19ئۇلار يەنە ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەشايا ھەم ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە كىشىنى،
20يەنە ئىلگىرى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرى لاۋىيلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا تەيىنلىگەن «نەتىنىيلار»دىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشىنى باشلاپ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى.
21شۇ چاغدا ئاخاۋا دەرياسى بويىدا مەن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمىزنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىمىز ۋە كىچىك بالىلىرىمىز ھەم بارلىق مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزدىن ئاق يول تىلەشكە روزا تۇتايلى، دەپ جاكارلىدىم.
22چۈنكى بىز ئەسلىدە پادىشاھقا‫‪:‬‬ «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى بارلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قويۇلىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا زەربە بېرىشكە تەيياردۇر» دېگەنىدۇق، ئەمدى يەنە ئۇنىڭدىن يولدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەر تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم.
23شۇنىڭ بىلەن بىز روزا تۇتۇپ خۇدايىمىزدىن شۇ ئىش توغرۇلۇق ئۆتۈندۇق، ئۇ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى.
24مەن كاھىن باشلىرى ئىچىدىن ئون ئىككى ئادەمنى ۋە شەرەبىيا، ھاشابىيا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىلىرىدىن ئون ئادەمنى تاللاپ،
25ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنى، يەنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمىرلىرى ۋە شۇنىڭدەك شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللار «كۆيدۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلارنى تاپشۇردۇم.
26مەن كۈمۈشتىن ئالتە يۈز ئەللىك تالانت، يۈز تالانت ئېغىرلىقتىكى كۈمۈش قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچا، يۈز تالانت ئالتۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆلچەپ تاپشۇردۇم.
27ئۇلارغا تاپشۇرغانلىرىمدىن يەنە ئالتۇن داس يىگىرمە بولۇپ، قىممىتى مىڭ دارىك، سۈپەتلىك ۋە ۋالىلداپ پارقىرايدىغان مىس چوڭ داس ئىككى بولۇپ، ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى.
28مەن ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا مۇقەددەستۇرسىلەر، قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارمۇ مۇقەددەستۇر، ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈشلەر ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىختىيارىي ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتتۇر.
29تاكى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار‫‪‎-‎‬‬خەزىنىلەرگە يەتكۈزۈپ، كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ باشلىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا تارازىدىن ئۆتكۈزگۈچە بۇلارنى ئوبدان قاراپ قوغداڭلار، دېدىم.
30شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار يېرۇسالېمدىكى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدىغان، تارازىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈش ۋە قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلارنى تاپشۇرۇۋالدى.
31شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى بىز ئاخاۋا دەرياسىنىڭ بويىدىن قوزغىلىپ يېرۇسالېمغا چىقىشقا ماڭدۇق. خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۈستىمىزدە بولغاچقا، ئۇ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يولدا پايلاپ تۇرغان قاراقچىلاردىنمۇ قۇتقۇزدى.
32بىز يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق؛
33تۆتىنچى كۈنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدە ئالتۇن‫‪‎-‎‬‬كۈمۈش ۋە قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلار تارازىدا ئۆلچىنىپ كاھىن ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموتنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئەلىئازار، يەنە لاۋىيلاردىن يەشۇئانىڭ ئوغلى يوزاباد بىلەن بىننۇئىينىڭ ئوغلى نوئادىياھلار بار ئىدى.
34ھەممە نەرسە سانى بويىچە ۋە ئېغىرلىقى بويىچە ئۆلچەندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈپ قويۇلدى.
35شۇ چاغدا ئەسلى ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتقانلار ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن ئون ئىككى تورپاق، توقسان ئالتە قوچقار، يەتمىش يەتتە قوزا سۇندى، يەنە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكە سۇندى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئىدى.
36ئۇلار پادىشاھنىڭ يارلىق خەتلىرىنى پادىشاھنىڭ ۋالىيلىرىغا ۋە دەريانىڭ بۇ غەرب تەرىپىدىكى ھۆكۈمدارلارغا تاپشۇرۇۋىدى، ئۇلار خەلققە ۋە خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بەردى.