1بۇ چاغدا پەيغەمبەرلەر، يەنى ھاگاي پەيغەمبەر بىلەن ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارغا بېشارەت بېرىشكە باشلىدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ نامىدا ئۇلارغا بېشارەت بېرىشتى.
2شۇنىڭ بىلەن شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا باشلىدى؛ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بەردى.
3شۇ چاغدا دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟» دەپ سورىدى.
4ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغۇچىلارنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىدى.
5لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدا ئاقساقاللىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى، شۇڭا باش ۋالىي قاتارلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا مەلۇم قىلغۇچە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە بىرەر جاۋاب يارلىق كەلگۈچە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.
6دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا خەت ئەۋەتتى؛ خەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى مانا تۆۋەندىكىدەك:
7ئۇلار پادىشاھقا ئەۋەتكەن مەلۇماتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دارىئۇس ئالىيلىرىغا چوڭقۇر ئامان-ئېسەنلىك بولغاي!
8پادىشاھىمىزغا شۇ ئىش يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەھۇدىيەگە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆردۇقكى، شۇ ئۆي يوغان تاشلار بىلەن ياسىلىۋاتىدۇ، تاملىرىغا لىملار ئۆتكۈزۈلۈپ سېلىنماقتا؛ بۇ قۇرۇلۇش تېز سۈرەتتە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
9ئاندىن بىز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللاردىن: ــ كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟ ــ دەپ سورىدۇق.
10ۋە ئالىيلىرىغا مەلۇم بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسمىلىرىنى پۈتۈپ خاتىرىلىمەكچى ئىدۇق.
11ئۇلار بىزگە: «بىز ئاسمان-زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرى، بىز ھازىر بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئۆينى ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى سالدۇرغانىدى.
12لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسماندىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا، خۇدا ئۇلارنى كالدىيەلىك بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان؛ ئۇ بۇ ئۆينى چاقتۇرۇۋېتىپ، خەلقنى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتكەن.
13لېكىن بابىل پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى پادىشاھ قورەش خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن.
14ۋە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىل بۇتخانىسىغا ئاپىرىپ قويغان خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىمۇ پادىشاھ قورەش ئۇلارنى بابىل بۇتخانىسىدىن ئەپچىقتۇرۇپ، شەشبازار ئىسىملىك بىر كىشىگە تاپشۇرغان؛ ئۇ ئۇنى باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى.
15ھەم ئۇنىڭغا: ــ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويغىن؛ خۇدانىڭ ئۆيى ئەسلى جايىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن، دەپ بۇيرۇغان
16ئاندىن شۇ شەشبازار دېگەن كىشى كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئۇل سالغان؛ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ياسىلىۋاتىدۇ، تېخى پۈتمىدى» دەپ جاۋاپ بەردى.
17ئەمدى ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمىزنىڭ شۇ يەردە، يەنى بابىلدىكى خەزىنىنى ئاختۇرۇپ بېقىشىنى، ئۇ يەردە پادىشاھ قورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورايمىز ھەم پادىشاھىمىزنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز ئىرادىسىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمىز».