1ئاندىن پادىشاھ دارىئۇس بابىلدىكى دۆلەت-بايلىقلار ساقلانغان «ئارخىپلار ئۆيى»نى تەكشۈرۈپ چىقىشقا يارلىقلارنى چۈشۈردى.
2مېدىئا ئۆلكىسىدىكى ئاخمېتا قەلئەسىدىن بىر ئورام قەغەز تېپىلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر خاتىرە پۈتۈلگەن:
3«پادىشاھ قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پادىشاھ قورەش يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە دائىر مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرىدۇ: ــ «قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان ئورۇن بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۆي يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن؛ ئۇلى پۇختا سېلىنسۇن، ئۆينىڭ ئىگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئاتمىش گەز بولسۇن.
4ئۈچ قەۋەت يوغان تاش، بىر قەۋەت يېڭى ياغاچ بىلەن سېلىنسۇن، بارلىق خىراجەت پادىشاھلىق خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنسۇن.
5ئەسلىدە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىلغا ئاپىرىپ قويغان، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا قايتىدىن يەتكۈزۈلۈپ، ھەربىرى ئۆز جايىغا قويۇلسۇن؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىگە قۇيۇلسۇن!».
6دارىئۇستىن يارلىق چۈشۈرۈلۈپ: «ــ شۇڭا، ئى دەريانىڭ شۇ تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي ۋە شېتار-بوزناي ھەم سىلەرنىڭ ھەمراھلىرىڭلار، يەنى دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار، ئەمدى سىلەر ئۇ يەردىن نېرى كېتىڭلار!
7خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن؛ يەھۇدىيلارنىڭ باش ۋالىيسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا سېلىشىغا يول قويۇڭلار.
8شۇنىڭدەك مەن خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنىڭ سېلىنىشى ئۈچۈن يەھۇدالارنىڭ ئاقساقاللىرى توغرۇلۇق سىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردۇمكى: ــ دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىن، پادىشاھلىق خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان باج كىرىمىدىن سىلەر كېچىكتۈرمەي شۇ ئادەملەرگە تولۇق خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىڭلار، قۇرۇلۇش ھېچ توختاپ قالمىسۇن.
9ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا، جۈملىدىن ئاسماندىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا، مەيلى ئەركەك تورپاق بولسۇن، قوچقار ياكى قوزىلار بولسىمۇ، شۇلار بېرىلسۇن؛ يەنە يېرۇسالېمدىكى كاھىنلارنىڭ بەلگىلىگىنى بويىچە بۇغداي، تۇز، شاراب ياكى زەيتۇن مايلار بولسۇن شۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم قىلىنماي، ھەر كۈنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇلسۇن.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسماندىكى خۇداغا خۇشبۇي قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈپ، پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىسۇن.
11مەن يەنە بۇيرۇيمەنكى، كىمكى بۇ يارلىقنى ئۆزگەرتسە، شۇ كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال لىمى سۇغۇرۇۋېلىنىپ تىكلەنگەندىن كېيىن، شۇ كىشى ئۇنىڭغا ئېسىپ مىخلاپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلسۇن!
12ۋە ئۆزىنىڭ نامىنى شۇ يەردە قالدۇرغان خۇدا مۇشۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆيىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇشقا قول ئۇزارتقان ھەرقانداق پادىشاھ ياكى خەلقنى ھالاك قىلسۇن! مەن دارىئۇس مۇشۇ يارلىقنى چۈشۈردۇم، ئەستايىدىللىق بىلەن بەجا كەلتۈرۈلسۇن!» دېيىلدى.
13ئاندىن دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي، شېتار-بوزناي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى پادىشاھ دارىئۇسنىڭ ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ ئىشنى بەجا كەلتۈردى.
14يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ بېشارەت بېرىشلىرى بىلەن شۇ ئىشتا روناق تاپتى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەمرى بويىچە، شۇنداقلا قورەش، دارىئۇس ۋە ئارتاخشاشتا قاتارلىق پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشلەپ، ئۆينى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش ئىشىنى پۈتتۈردى.
15بۇ ئۆي دارىئۇس پادىشاھى سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى، ئادار ئېيىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى پۈتكۈزۈلدى.
16ئىسرائىللار ــ كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاش مۇراسىمىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزدى.
17ئۆينى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئاتاش مۇراسىمىدا ئۇلار يۈز تورپاق، ئىككى يۈز قوچقار ۋە تۆت يۈز قوزا سۇندى ھەم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە بارلىق ئىسرائىل ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكىنى سۇندى.
18ئۇلار يەنە يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئىبادەت-خىزمىتىنى ئۆتەشكە، مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە، كاھىنلارنى ئۆز نۆۋىتى بويىچە، لاۋىيلارنى گۇرۇپپىلىرى بويىچە تۇرغۇزدى.
19بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى.
20چۈنكى كاھىنلار ۋە لاۋىيلار بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە پاكلىنىش رەسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممىسى پاكلاندى؛ ئاندىن ئۇلار بارلىق سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان كاھىنلار ۋە ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان قوزىلىرىنى سويدى.
21سۈرگۈنلۈكتىن يېڭىلا قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى زېمىندىكى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن ئايرىپ چىققان بارلىق كىشىلەر قوزا گۆشلىرىنى بىرلىكتە يېيىشتى.
22ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ھەم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇلارغا مايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىنى قۇرۇشقا ئۇلارنىڭ قولىنى مۇستەھكەملىدى.