Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1» - پادىشاھلار «1» 17

پادىشاھلار «1» 17:3-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3بۇ يەردىن كېتىپ، مەشرىق تەرەپكە بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىنىڭ بويىدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغىن؛
4ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سەن ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچىسەن؛ مانا، ساڭا ئۇ يەردە ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىشكە قاغا‫‪‎-‎‬‬قۇزغۇنلارنى بۇيرۇدۇم، دېيىلدى.
5شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاندەك قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قېرىت ئېقىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.
6قاغا‫‪‎-‎‬‬قۇزغۇنلار ئەتىگەندە نان بىلەن گۆش، ھەر كەچتە يەنە نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزى ئېقىننىڭ سۈيىدىن ئىچەتتى.
7لېكىن زېمىندا يامغۇر ياغمىغىنى ئۈچۈن بىرمەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۇ قۇرۇپ كەتتى.
8ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ
9ئورنۇڭدىن تۇرۇپ زىدوندىكى زارەفاتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرغىن؛ مانا، مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا بۇيرۇدۇم، دېيىلدى.
10ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ زارەفاتقا بېرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا كەلگەندە، مانا ئۇ يەردە بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ تۇراتتى. ئۇ تۇل خوتۇننى چاقىرىپ‫‪:‬‬ ــ ئۆتۈنىمەن، قاچىدا ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئېلىپ كەلگەيسەن، دېدى.
11ئۇ سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە‫‪:‬‬ ــ ئۆتۈنىمەن، ماڭا قولۇڭدا بىر چىشلەم نانمۇ ئالغاچ كەلگەيسەن، دېدى.

Read پادىشاھلار «1» 17پادىشاھلار «1» 17
Compare پادىشاھلار «1» 17:3-11پادىشاھلار «1» 17:3-11