Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1»

پادىشاھلار «1» 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يۈز سەكسىنىنچى يىلى، سۇلايماننىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا، يەنى زىف ئېيىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساشقا باشلىدى.  
2سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ياسىغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز ئىدى.
3ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن باراۋەر بولۇپ، يىگىرمە گەز ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئون گەز ئىدى.
4ئۇ ئىبادەتخانىغا روجەكلىك دېرىزە‫‪‎-‎‬‬پەنجىرىلەرنى ئورناتتى.
5ئىبادەتخانا تېمىغا، يەنى مۇقەددەس جاي ۋە «كالامخانا»نىڭ تېمىغا يانداش ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئىمارەتنى سالدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ھۇجرىلارنى ياسىدى.
6تاشقىرىقى ئىمارەتنىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى بەش گەز، ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى يەتتە گەز ئىدى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى تېمىدا لىملارنى ئورناتقان تۆشۈكلەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ تامغا تەكچە چىقىرىلغانىدى.
7ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي تەييار قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن تاشلاردىن بىنا قىلىنغانىدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇنى ياسىغان ۋاقىتتا نە بولقا نە پالتا نە باشقا تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئۇ يەردە ھېچ ئاڭلانمايتتى.
8تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى؛ بىر ئايلانما پەلەمپەي ئوتتۇرا قەۋەتكە ئاندىن ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقاتتى.
9شۇنداق قىلىپ سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىگە خار‫‪‎-‎‬‬لىملارنى بېكىتىپ، ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلىدى.
10ئۇ ئىبادەتخانىغا يانداش ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى بەش گەزدىن قىلدى. شۇ ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرى ئىبادەتخانىغا كېدىر لىملىرى ئارقىلىق تۇتۇشۇقلۇق ئىدى.
11پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سۇلايمانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدىكى‫‪:‬‬ ــ
12«سەن ماڭا ياساۋاتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كەلسەك، ئەگەر سەن بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ھۆكۈملىرىمگە رىئايە قىلىپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلاردا ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمگە ئەمەل قىلىمەن؛
13مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن».
14سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى.
15ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپىنى ئۇ كېدىر تاختايلىرى بىلەن ياساپ، ئىبادەتخانىنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە ياغاچ بىلەن قاپلىدى؛ ۋە ئارچا تاختايلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا پول ياتقۇزدى.
16ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا تېمىدىن يىگىرمە گەز ئۆلچەپ ئارا تام ياساپ، ئىچكىرىكى خانىنى ھاسىل قىلدى؛ ئۇ تېگىدىن تارتىپ تورۇس لىملىرىغىچە كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. بۇ ئەڭ ئىچكىرىكى خانا بولۇپ، يەنى «كالامخانا»، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىدى.
17ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۆي، يەنى مۇقەددەس خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز ئىدى.
18ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا قاپاق ۋە چېچەكنىڭ نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنغانىدى. ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلانغانىدى. ھېچ تاش كۆرۈنمەيتتى.

19پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەردە قويۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىدىكى كالامخانىنى ياسىدى.
20كالامخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، توغرىسى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇندىن قاپلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانگاھنىمۇ شۇنداق قاپلىدى.
21سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ ئىچكى كالامخانىنىڭ ئالدىنى ئالتۇن زەنجىرلەر بىلەن توسىدى؛ كالامخانىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
22شۇ تەرىقىدە ئۇ پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى، يەنى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ئالتۇن بىلەن تولۇق قاپلىغانىدى. كالامخانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانگاھنىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىغانىدى.
23كالامخانىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئىككى كېرۇبنىڭ شەكلىنى ياسىدى. ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز ئىدى.   
24بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز ۋە يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەم بەش گەز بولۇپ، بىر قانىتىنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە ئون گەز ئىدى.
25ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتى قوشۇلۇپ ئون گەز ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ‫‪‎-‎‬‬كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى.
26بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز بولۇپ، ئىككىنچى كېرۇبنىڭكىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى.
27ئۇ كېرۇبلارنى ئىچكىرىكى خانىدا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى يېيىلىپ تۇراتتى. بىرسىنىڭ بىر قانىتى بىر تامغا تېگىپ، ئىككىنچىسىنىڭ قانىتى ئۇدۇلىدىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.
28ئۇ كېرۇبلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىچ چۆرسىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭ چۆرىسىنى كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلدى.
30ئىبادەتخانىنىڭ پولىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭكىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
31كالامخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەن قوش ئىشىكلەرنى ياسىدى. ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئىدى.
32بۇ قوش ئىشىكلەر زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنىپ زىننەتلەنگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنى، جۈملىدىن كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ نەقىشلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
33ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى خانىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشەكلىرىنى زەيتۇن ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇلار ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىدى؛
34قوش قاناتلىق ئىشىك بولسا ئارچا ياغىچىدىن ياسالدى. بىر قانىتى يېيىلىپ قاتلىناتتى، ئىككىنچى قانىتىمۇ يېيىلىپ قاتلىناتتى.
35ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلدى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، جۈملىدىن نەقىشلەر ئۈستىگە ئالتۇن قاپلىدى.
36ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى بولسا ئۇ ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش بىلەن بىر قەۋەت كېدىر ياغىچىدىن ياسىدى.

37سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ زىف ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى سېلىندى.
38ۋە ئون بىرىنچى يىلىنىڭ بۇل ئېيىدا، يەنى سەككىزىنچى ئايدا ئىبادەتخانىنىڭ ھېچيېرى قالدۇرۇلماي، لايىھە بويىچە پۈتۈنلەي تامام بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆينى ياسىشىغا يەتتە يىل كەتتى.