Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1»

پادىشاھلار «1» 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى.
2ئۇنىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرى مۇنۇلار‫‪:‬‬ ــ زادوكنىڭ ئوغلى ئازارىيا كاھىن ئىدى؛
3شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئېلىخورەف ۋە ئاخىياھ كاتىپلار ئىدى؛ ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات دىۋانبېگى ئىدى؛
4يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەردارى ئىدى. زادوك بىلەن ئابىئاتار كاھىنلار ئىدى؛
5ناتاننىڭ ئوغلى ئازارىيا نازارەت بېگى، ناتاننىڭ يەنە بىر ئوغلى زابۇد ھەم كاھىن ۋە پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.
6ئاخىشار ئوردىنىڭ غوجىدارى، ئابدانىڭ ئوغلى ئادونىرام باج‫‪‎-‎‬‬ئالۋان بېگى ئىدى.
7پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئوردىدىكىلىرى ئۈچۈن يېمەك‫‪‎-‎‬‬ئىچمەك تەمىنلەيدىغان، ئون ئىككى نازارەتچى تەيىنلەنگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى يىلدا بىر ئايدىن يېمەك‫‪‎-‎‬‬ئىچمەك تەمىنلەشكە مەسئۇل ئىدى.
8ئۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن‫‪:‬‬ ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بەن‫‪‎-‎‬‬خۇر؛
9ماكاز، شائالبىم، بەيت‫‪‎-‎‬‬شەمەش ۋە ئېلون‫‪‎-‎‬‬بەيت‫‪‎-‎‬‬ھانانغا بەن‫‪‎-‎‬‬دەكەر؛
10ئارۇبوتقا بەن‫‪‎-‎‬‬خەسەد؛ ئۇ يەنە سوكوھ ۋە خەفەر دېگەن بارلىق يۇرتقىمۇ مەسئۇل ئىدى؛
11يەنە نافات‫‪‎-‎‬‬دورغا بەن‫‪‎-‎‬‬ئابىناداب (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنى خوتۇنلۇققا ئالغان)؛
12تائاناق، مەگىددو ۋە يىزرەئەلنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدىكى زارەتاننىڭ يېنىدا بولغان پۈتكۈل بەيت‫‪‎-‎‬‬شانغا، شۇنداقلا بەيت‫‪‎-‎‬‬شاندىن تارتىپ ئابەل‫‪‎-‎‬‬مەھولاھغىچە، جوكنېئامدىن ئۆتكۈچە بولغان زېمىنلارغا ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا؛
13راموت‫‪‎-‎‬‬گىلېئادقا بەن‫‪‎-‎‬‬گەبەر؛ ئۇ يەنە گىلېئاد يۇرتىغا جايلاشقان، ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىرغا تەۋە بولغان كەنتلەر ۋە ھەم باشاندىكى يۇرت ئارگوب، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى سېپىلى، مىس بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان ئاتمىش چوڭ شەھەرگىمۇ مەسئۇل ئىدى.
14ماھانائىمغا ئىددونىڭ ئوغلى ئاھىناداب؛
15نافتالىغا ئاخىمائاز (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى).
16ئاشىر ۋە ئالوتقا ھۇشاينىڭ ئوغلى بائاناھ؛
17ئىسساكارغا پارۇئاھنىڭ ئوغلى يەھوشافات؛
18بىنيامىن زېمىنىغا ئېلانىڭ ئوغلى شىمەي؛

19گىلېئاد زېمىنىغا (ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون ۋە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى ئىدى) ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر. ئۇ شۇ يۇرتقا بىردىنبىر نازارەتچى ئىدى.
20يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك نۇرغۇن ئىدى. ئۇلار يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ، خۇشاللىق قىلاتتى.
21ۋە سۇلايمان بولسا ئەفرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ۋە مىسىرنىڭ چېگرالىرىغىچە بولغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلاتتى. ئۇلار ئۇلپان كەلتۈرۈپ سۇلايماننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.
22سۇلايماننىڭ ئوردىسىغا كېتىدىغان كۈنلۈك تەمىنات ئۈچۈن ئوتتۇز كور تاسقىغان ئاق ئۇن، ئاتمىش كور قارا ئۇن،
23ئون بوردىغان ئۇي، يايلاقتىن كەلتۈرۈلگەن يىگىرمە ئۇي، يۈز قوي كېتەتتى؛ بۇنىڭدىن باشقا بۇغىلار، جەرەنلەر، كىيىكلەر ۋە بوردىغان توخۇلار لازىم ئىدى.
24چۈنكى ئۇ تىفساھدىن تارتىپ گازاغىچە، ئەفرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ھەممە يۇرتلارنىڭ ئۈستىدە، يەنى ئەفرات دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرەتتى؛ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى.
25سۇلايماننىڭ پۈتكۈل كۈنلىرىدە داندىن تارتىپ بەئەر‫‪‎-‎‬‬شېباغىچە يەھۇدا بىلەن ئىسرائىل ئادەملىرىنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تېگىدە ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن ئولتۇراتتى.
26سۇلايماننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۈچۈن تۆت مىڭ ئاتخانىسى، ئون ئىككى مىڭ چەۋەندىزى بار ئىدى.  
27مەزكۇر نازارەتچىلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن ئايدا سۇلايمان پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ داستىخىنىغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك‫‪‎-‎‬‬ئىچمەكلىرىنى كېمەيتمەي تەمىنلەيتتى.
28خەلق بولسا ھەربىرى ئۆزىگە بېكىتىلگەن نورما بويىچە ئات‫‪‎-‎‬‬قېچىرلار ئۈچۈن ئارپا بىلەن سامانلارنى نازارەتىچىلەر بار يەرگە ئېلىپ كېلەتتى.
29خۇدا سۇلايمانغا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك دانالىق، ئىنتايىن مول پەم‫‪‎-‎‬‬پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى كەڭ قىلىپ زور يورۇتتى.
30شۇنىڭ بىلەن سۇلايماننىڭ دانالىقى بارلىق شەرقتىكىلەرنىڭ دانالىقىدىن ۋە مىسىردىكى بارلىق دانالىقتىن ئاشتى.
31چۈنكى ئۇ بارلىق ئادەملەردىن، جۈملىدىن ئەزراھلىق ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئوغۇللىرى ھېمان، كالكول ۋە داردا دېگەنلەردىن دانا ئىدى؛ ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى ئەتراپىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدا يېيىلدى.
32ئۇ ئېيتقان پەند‫‪‎-‎‬‬نەسىھەت ئۈچ مىڭ ئىدى؛ ئۇنىڭ شېئىر‫‪‎-‎‬‬كۈيلىرى بىر مىڭ بەش ئىدى.
33ئۇ لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ تامدا ئۆسىدىغان لېپەكگۈلگىچە دەرەخ‫‪‎-‎‬‬گىياھلارنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى؛ ئۇ يەنە مال ۋە ھايۋانلار، قۇشلار، ھاشارەت‫‪‎-‎‬‬ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە بېلىقلار توغرىسىدا بايان قىلىپ خاتىرىلىگەنىدى.
34سۇلايماننىڭ دانالىقىنى ئاڭلىغىلى كىشىلەر بارلىق ئەللەردىن كېلەتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دانالىقى توغرۇلۇق خەۋەر تاپقان يەر يۈزىدىكى ھەممە پادىشاھلاردىن كىشىلەر كەلمەكتە ئىدى.