1ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا ئىلىياسقا كېلىپ: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىن، ۋە مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن، دېيىلدى.
2شۇنىڭ بىلەن ئىلىياس ئۆزىنى ئاھابنىڭ ئالدىدا ئايان قىلغىلى چىقىپ كەتتى. ئاچارچىلىق بولسا سامارىيەدە قاتتىق ئىدى.
3ئاھاب ئوردىسىدىكى غوجىدار ئوبادىيانى چاقىردى (ئوبادىيا تولىمۇ تەقۋادار كىشى بولۇپ پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن قورقاتتى.
4يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى).
5ئاھاب ئوبادىياغا: ــ زېمىننى كېزىپ ھەممە بۇلاق ۋە ھەممە جىلغىلارغا بېرىپ باققىن؛ ئۇ يەرلەردە ئات-قېچىرلارنى تىرىك ساقلىغۇدەك ئوت-چۆپ تېپىلارمىكىن؟ شۇنداق بولسا بىزنىڭ ئۇلاغلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى سويماي تۇرالارمىز، دېدى.
6ئۇلار ھەربىرى جايلارغا بۆلۈنۈپ ماڭدى؛ ئاھاب ئۆز ئالدىغا ماڭدى، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا ماڭدى.
7ئوبادىيا ئۆز يولىدا كېتىپ بارغاندا، مانا، ئۇنىڭغا ئىلىياس ئۇچرىدى. ئۇ ئۇنى تونۇپ يەرگە يىقىلىپ دۈم يېتىپ: بۇ راست سەن، غوجام ئىلىياسمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
8ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ مەن. بېرىپ ئۆز غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دەپ ئېيتقىن، دېدى.
9ئۇ ئىلىياسقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن قانداقسىگە كەمىنەڭنى ئۆلتۈرگىلى ئاھابنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچى بولىسەن، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم؟
10ئۆز خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام ئادەم ئەۋەتىپ سېنى ئىزدىمىگەن ھېچ ئەل ۋە مەملىكەت قالمىدى. شۇ ئەل، مەملىكەتلەر: «ئۇ بۇ يەردە يوق» دېسە، پادىشاھ ئۇلارغا سېنى تاپالمىغانغا قەسەم ئىچكۈزدى.
11لېكىن سەن ماڭا ھازىر: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ ئىلىياس قايتىپ كەلدى! دېگىن» ــ دەيسەن!
12مەن قېشىڭدىن كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنى مەن بىلمىگەن يەرگە ئېلىپ بارىدۇ؛ شۇنداقتا مەن ئاھابقا خەۋەر يەتكۈزۈپ، لېكىن ئۇ سېنى تاپالمىسا، مېنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كەمىنەڭ ياشلىقىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ كەلگەنمەن.
13يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەندە مېنىڭ قانداق قىلغىنىم، يەنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈزنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەپ باققانلىقىم سەن غوجامغا مەلۇم قىلىنغان ئەمەسمۇ؟
14ئەمدى سەن ھازىر ماڭا: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!».
15لېكىن ئىلىياس: ــ مەن خىزمىتىدە تۇرۇۋاتقان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن جەزمەن بۈگۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ئايان بولىمەن، دېدى.
16شۇنىڭ بىلەن ئوبادىيا ئاھابنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بەردى. ئاھاب ئىلىياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى.
17ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى.
18ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى مەن ئەمەس، بەلكى سەن بىلەن ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى تاشلاپ بائال دېگەن بۇتلارغا تايىنىپ ئەگەشكەنسىلەر.
19ئەمدى ئادەم ئەۋەتىپ كارمەل تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىلنى يېنىمغا جەم قىل، شۇنداقلا يىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ تۆت يۈز ئەللىك پەيغەمبىرى بىلەن ئاشەراھنىڭ تۆت يۈز پەيغەمبىرىنى يىغدۇر، ــ دېدى.
20شۇنىڭ بىلەن ئاھاب ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا يىغدۇردى.
21ئىلىياس بارلىق خەلققە يېقىن كېلىپ: ــ قاچانغىچە ئىككى پىكىر ئارىسىدا ئارىسالدى تۇرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار؛ بائال خۇدا بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، دېدى. ئەمما خەلق ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىن چىقارمىدى.
22ئىلىياس خەلققە: ــ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى تۆت يۈز ئەللىك كىشىدۇر.
23ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا بېرىلسۇن. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر بۇقىنى تاللاپ، سويۇپ پارچىلاپ ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، ئەمما ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ باشقا بىر بۇقىنى تەييار قىلىپ ئوت ياقماي ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قوياي.
24سىلەر بولساڭلار، ئۆز ئىلاھلىرىڭلارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىڭلار. مەن بولسام، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلىمەن. قايسى خۇدا ئوت بىلەن جاۋاب بەرسە، شۇ خۇدا بولسۇن، دېدى. ھەممە خەلق: ــ بۇ ئوبدان گەپ، دەپ جاۋاب بەردى.
25ئىلىياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: سىلەر كۆپ بولغاچ ئاۋۋال ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر بۇقىنى تاللاپ تەييار قىلىڭلار؛ ئاندىن ھېچ ئوت ياقماي ئۆز ئىلاھىڭلارنىڭ نامىنى قىچقىرىپ نىدا قىلىڭلار، دېدى.
26ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئېلىپ ئۇنى تەييار قىلدى. ئەتىگەندىن چۈشكىچە ئۇلار بائالنىڭ نامىنى قىچقىرىپ: ــ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگىن! دەپ نىدا قىلدى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ياكى ھېچ جاۋاب بولمىدى. ئۇلار راسلانغان قۇربانگاھ چۆرىسىدە توختىماي سەكرەيتتى.
27چۈش كىرگەندە ئىلىياس ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ: ــ ئۈنلۈكرەك قىچقىرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر ئىلاھ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەندۇ، ياكى بىر سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئويغىتىشىڭلار كېرەك؟! ــ دېدى.
28ئۇلار تېخىمۇ ئۈنلۈك چاقىرىپ ئۆز قائىدىسى بويىچە قانغا مىلىنىپ كەتكۈچە ئۆزلىرىنى قىلىچ ۋە نەيزە بىلەن تىلاتتى.
29چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى.
30ئىلىياس ھەممە خەلققە: ــ يېنىمغا يېقىن كېلىڭلار، دېدى. ھەممە خەلق ئۇنىڭغا يېقىن كەلگەندىن كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ شۇ يەردىكى يىقىتىلغان قۇربانگاھىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
31ئىلىياس ئون ئىككى تاشنى ئالدى. بۇ تاشلارنىڭ سانى پەرۋەردىگارنىڭ «نامىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەن سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغان ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
32شۇ تاشلاردىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بىر قۇربانگاھنى ياسىدى. ئۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدە ئىككى سېئاھ دان پاتقۇدەك ئازگال كولىدى.
33ئاندىن ئۇ ئوتۇننى راستلاپ، بۇقىنى پارچىلاپ ئوتۇننىڭ تۆپىسىگە قويدى.
34ئۇ: ــ تۆت ئىدىشنى سۇغا توشقۇزۇپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆكۈڭلار، ــ دېدى. ئاندىن: يەنە بىر قېتىم قىلىڭلار» ــ دېۋىدى، ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ يەنە: ــ ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلىڭلار، دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى مەرتىۋە شۇنداق قىلغاندا
35سۇ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، كولانغان ئازگالنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى.
36كەچلىك قۇربانلىقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىلىياس پەيغەمبەر قۇربانلىققا يېقىن كېلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئەي پەرۋەردىگار، ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلدا خۇدا بولغىنىڭنى ئاشكارا قىلغايسەن، شۇنداقلا مېنىڭ سېنىڭ قۇلۇڭ بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇيرۇقۇڭ بىلەن قىلغانلىقىمنى بۈگۈن بىلدۈرگەيسەن.
37ماڭا ئىجابەت قىلغايسەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بۇ خەلققە سەن پەرۋەردىگارنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى توغرا يولغا ياندۇرغۇچى ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرگەيسەن، دېدى.
38شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ ئازگالدىكى سۇنىمۇ يوقىتىۋەتتى.
39خەلقلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپلا، ئۇلار دۈم يىقىلىپ: ــ پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، پەرۋەردىگار، ئۇ خۇدادۇر، دېيىشتى.
40ئىلىياس خەلققە بۇيرۇپ: ــ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، ھېچقايسىنى قويۇپ بەرمەڭلار، ــ دېدى. ئۇلار ئۇلارنى تۇتقاندا ئىلىياس ئۇلارنى كىشۇن جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە قەتل قىلدۇردى.
41ئىلىياس ئاھابقا بولسا: ــ چىقىپ يەپ-ئىچكىن. چۈنكى قاتتىق يامغۇرنىڭ شالدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا، ــ دېدى.
42ئاھاب قوپۇپ يەپ-ئىچىش ئۈچۈن چىقتى. ئەمما ئىلىياس كارمەلنىڭ چوققىسىغا چىقىپ يەرگە ئېڭىشىپ، بېشىنى تىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ تىزلىنىپ
43خىزمەتكارىغا: ــ چىقىپ دېڭىز تەرەپكە قارىغىن، دېدى. ئۇ چىقىپ سەپسېلىپ قاراپ: ــ ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ، دېدى. ئۇ جەمئىي يەتتە قېتىم: ــ بېرىپ قاراپ باققىن، دەپ بۇيرۇدى.
44يەتتىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇ: ــ مانا، دېڭىزدىن چىقىۋاتقان، ئادەم ئالىقىنىدەك كىچىك بىر بۇلۇتنى كۆردۇم ــ دېدى. ئىلىياس ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ ئاھابقا: ــ «ھارۋىنى قېتىپ تۆۋەنگە چۈشكىن، بولمىسا يامغۇر سېنى توسۇۋالىدۇ»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېدى.
45ئاڭغۇچە ئاسمان بۇلۇت بىلەن تۇتۇلۇپ، بوران چىقىپ قاتتىق بىر يامغۇر ياغدى. ئاھاب ھارۋىغا چىقىپ يىزرەئەلگە كەتتى.
46پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئىلىياسنىڭ ۋۇجۇدىدا تۇرغاچ، ئۇ بېلىنى باغلاپ ئاھابنىڭ ئالدىدا يىزرەئەلنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە يۈگۈرۈپ ماڭدى.