Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1»

پادىشاھلار «1» 14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئۇ ۋاقىتتا يەروبوئامنىڭ ئوغلى ئابىياھ كېسەل بولۇپ قالدى.
2يەروبوئام ئايالىغا‫‪:‬‬ ــ ئورنۇڭدىن قوپۇپ، ھېچكىم سېنىڭ يەروبوئامنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىڭنى تونۇمىغۇدەك قىلىپ ئۆز قىياپىتىڭنى ئۆزگەرتىپ، شىلوھقا بارغىن. مانا ماڭا‫‪:‬‬ «بۇ خەلقنىڭ ئۈستىدە پادىشاھ بولىسەن» دەپ ئېيتقان ئاخىياھ پەيغەمبەر ئۇ يەردە ئولتۇرىدۇ.
3قولۇڭغا ئون نان، بىرنەچچە پوشكال، بىر قۇتا ھەسەلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بارغىن. ئۇ يىگىتىمىزنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ساڭا دەپ بېرىدۇ، دېدى.
4يەروبوئامنىڭ ئايالى شۇنداق قىلىپ، شىلوھقا بېرىپ ئاخىياھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىياھنىڭ كۆزلىرى قېرىلىقتىن كور بولۇپ كۆرەلمەيتتى.
5لېكىن پەرۋەردىگار ئاخىياھقا‫‪:‬‬ ــ مانا، يەروبوئامنىڭ ئايالى ئۆز ئوغلى توغرىسىدا سەندىن سورىغىلى كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كېسەلدۇر. ئۇنىڭغا مۇنداق‫‪‎-‎‬‬مۇنداق دېگىن؛ چۈنكى ئۇ كەلگەندە باشقا قىياپەتكە كىرىۋالغان بولىدۇ، دەپ ئېيتقانىدى.
6ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە ئاخىياھ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ھەي، يەروبوئامنىڭ ئايالى، كىرگىن؛ نېمىشقا باشقا قىياپەتكە كىرىۋالدىڭ؟ ساڭا بىر شۇم خەۋەرنى بېرىش ماڭا بۇيرۇلدى.
7بېرىپ يەروبوئامغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «مەن سېنى خەلقنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ئۆز خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ
8پادىشاھلىقنى داۋۇتنىڭ جەمەتىدىن يىرتىۋېتىپ، ساڭا بەردىم؛ لېكىن سەن مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ، نەزىرىمدە پەقەت دۇرۇس بولغاننىلا قىلىشتا پۈتۈن قەلبىدىن ماڭا ئەگەشكەن قۇلۇم داۋۇتقا ئوخشاش بولمىدىڭ،
9بەلكى ئۆزۈڭدىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئارتۇق رەزىللىك قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ، مېنى ئارقاڭغا تاشلاپ، بېرىپ ئۆزۈڭگە غەيرىي ئىلاھلارنى، قۇيما مەبۇدلارنى ياساتتىڭ.
10شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە بالا چۈشۈرۈپ، يەروبوئامنىڭ ئىسرائىلدىكى خاندانىدىن ھەممە ئەركەكنى، ھەتتا ئاجىز ياكى مېيىپ بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، ئادەملەر پوق‫‪‎-‎‬‬تېزەكلەرنى سۈپۈرگەندەك يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قالغىنىنى يوق بولغۇچە سۈپۈرىمەن.  
11يەروبوئامدىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغاندۇر.
12ئەمدى سەن بولساڭ، قوپۇپ ئۆز ئۆيۈڭگە بارغىن؛ ئايىغىڭ شەھەرگە كىرگەن ھامان، بالا ئۆلىدۇ.
13پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىدىن قەبرىگە قويۇلىدىغان يالغۇز شۇلا بولىدۇ؛ چۈنكى يەروبوئامنىڭ جەمەتىنىڭ ئارىسىدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەقەت شۇنىڭدا پەزىلەت تېپىلدى.
14ئەمدى پەرۋەردىگار ئۆزىگە يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. دەرھەقىقەت، ئۇ پات ئارىدا بولىدۇ!
15پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى ئۇرۇپ، خۇددى سۇدا لىڭشىپ قالغان قۇمۇشتەك قىلىپ قويىدۇ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان بۇ ياخشى زېمىندىن قومۇرۇپ، ئۇلارنى ئەفرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تارقىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە «ئاشەراھ بۇتلار»نى ياساپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزىغىدى.   
16يەروبوئامنىڭ سادىر قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھ قىلدۇرغىنى تۈپەيلىدىن، خۇدا ئىسرائىلنى تاشلاپ بېرىدۇ!»».
17شۇنىڭ بىلەن يەروبوئامنىڭ ئايالى قوپۇپ، يولغا چىقىپ تىرزاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىغا بالا ئۆلدى.
18ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇلى ئاخىياھ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدەك، پۈتۈن ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.

19ئەمدى يەروبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى، يەنى جەڭلىرى ۋە قانداق سەلتەنەت قىلغانلىرى توغرىسىدا مانا، «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەندۇر.
20يەروبوئامنىڭ سەلتەنەت قىلغان ۋاقتى يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ، ئۇ ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى. ئوغلى ناداب ئۇنىڭ ئورنىدا ھۆكۈم سۈردى.
21ۋە سۇلايماننىڭ ئوغلى رەھوبوئام بولسا يەھۇدانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈردى. رەھوبوئام پادىشاھ بولغاندا قىرىق بىر ياشقا كىرگەنىدى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز نامىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللىغان يېرۇسالېم شەھىرىدە ئون يەتتە يىل ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، ئاممونىي ئىدى.
22يەھۇدالار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلدى؛ ئۇلار ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى سادىر قىلغانلىرىدىن زىيادە گۇناھلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ھەسەتلىك غەزىپىنى قوزغىغانىدى.
23چۈنكى ئۇلار «يۇقىرى جايلار»نى، «بۇت تۈۋرۈك»لەرنى ۋە ھەم ھەربىر ئېگىز دۆڭلار ئۈستىدە، ھەربىر كۆك دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا «ئاشەراھ» بۇتلارنى ياسىدى.
24ۋە زېمىندا كەسپىي بەچچىۋازلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ چىقارغان ئەللەرنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ھارام ئىشلىرىنى قىلاتتى.
25رەھوبوئام پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىنىڭ بەشىنچى يىلىدا شۇنداق بولدىكى، مىسىرنىڭ پادىشاھى شىشاك يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى.
26ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى گۆھەر‫‪‎-‎‬‬بايلىقلارنى ھەم پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى گۆھەر‫‪‎-‎‬‬بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى؛ ئۇ ھەممىسىنى، جۈملىدىن سۇلايمان ياساتقان ئالتۇن سىپارلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى.
27ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەھوبوئام پادىشاھ مىستىن بىرمۇنچە سىپار‫‪‎-‎‬‬قالقانلار ياسىتىپ، ئۇلارنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنى ساقلايدىغان پاسىبان بەگلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردى.
28شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان چاغدا، پاسىبانلار ئۇ سىپار‫‪‎-‎‬‬قالقانلارنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئاندىن ئۇلارنى يەنە پاسىبانخانىغا ئەكىرىپ قويۇشاتتى.
29ئەمما رەھوبوئامنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغىنىنىڭ ھەممىسى «يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
30رەھوبوئام بىلەن يەروبوئام بارلىق كۈنلىرىدە بىر‫‪‎-‎‬‬بىرى بىلەن جەڭ قىلىشىپ تۇرغانىدى.
31رەھوبوئام ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە «داۋۇتنىڭ شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نائاماھ بولۇپ، بىر ئاممونىي ئىدى. رەھوبوئامنىڭ ئوغلى ئابىيام ئاتىسىنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.