Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1»

پادىشاھلار «1» 16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇغا كېلىپ بائاشانى ئەيىبلەپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ
2«مانا، مەن سېنى توپا‫‪‎-‎‬‬چاڭ ئىچىدىن چىقىرىپ، خەلقىم ئىسرائىلغا ھۆكۈمران قىلىپ قويدۇم. لېكىن سەن يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ خەلقىم ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇردۇڭ، ئۇلار گۇناھلىرى بىلەن غەزىپىمنى قوزغىدى.
3مانا، مەن بائاشانى ئۆز جەمەتى بىلەن سۈپۈرۈپ يوقىتىپ، جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن.
4بائاشادىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ».
5بائاشانىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
6بائاشا ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە تىرزاھتا دەپنە قىلىندى؛ ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
7بائاشانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قىلغان بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ بائاشانىڭ بېشىغا ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا چۈشۈرگىنى توغرۇلۇق سۆزى ھانانىنىڭ ئوغلى يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بېرىلگەنىدى. چۈنكى ئۇ يەروبوئامنىڭ جەمەتى قىلغىنىغا ئوخشاش قىلىپ ئۆز قوللىرىنىڭ ئىشلىرى (جۈملىدىن يەروبوئامنىڭ جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈرگەنلىكى) بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
8يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە ئالتىنچى يىلىدا، بائاشانىڭ ئوغلى ئېلاھ تىرزاھتا ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى.
9لېكىن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يېرىمىغا سەردار بولغان خىزمەتكارى زىمرى ئۇنىڭغا قەست قىلدى؛ ئېلاھ تىرزاھتا تىرزاھتىكى ئوردىسىدىكى غوجىدار ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولغاندا
10زىمرى كىرىپ ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. بۇ ۋاقىت يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلى ئىدى. زىمرى ئېلاھنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
11ئۇ پادىشاھ بولۇپ ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشى بىلەنلا ئۇ بائاشانىڭ بارلىق جەمەتىنى چېپىپ ئۆلتۈردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئۇرۇق‫‪‎-‎‬‬تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن بىر ئەركەكنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى.
12شۇنداق قىلىپ زىمرى پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق بائاشانى ئەيىبلىگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بائاشانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى يوقاتتى.
13بۇ ئىش بائاشانىڭ بارلىق گۇناھلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئېلاھنىڭ گۇناھلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھلىرى، ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، شۇنداق بولدى.
14ئېلاھنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
15يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى يىلىدا زىمرى تىرزاھتا يەتتە كۈن سەلتەنەت قىلدى. خەلق فىلىستىيلەرگە تەۋە بولغان گىببېتوننى قورشىۋېلىپ بارگاھ تىككەنىدى.
16بارگاھدا تۇرغان خالايىق‫‪:‬‬ ــ «زىمرى قەست قىلىپ پادىشاھنى ئۆلتۈردى» دەپ ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ كۈنى بارگاھدا قوشۇننىڭ سەردارى ئومرىنى ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلدى.
17ئاندىن ئومرى ئىسرائىلنىڭ ھەممىسىنى يېتەكلەپ، گىببېتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى قورشىدى.
18ۋە شۇنداق بولدىكى، زىمرى شەھەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئوردىسىدىكى قورغانغا كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزى كۆيۈپ ئۆلدى.

19بۇ ئىش ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلىپ، يەروبوئامنىڭ يولىدا يۈرۈپ، ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھتا ماڭغىنى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.
20زىمرىنىڭ باشقا ئىشلىرى ۋە قەست قىلغىنى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
21ئەمما ئىسرائىل خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىنى پادىشاھ قىلىشقا ئۇنىڭغا ئەگەشتى؛ باشقا يېرىمى بولسا ئومرىگە ئەگەشتى.
22ئەمدى ئومرىگە ئەگەشكەن خەلق گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىگە ئەگەشكەن خەلقتىن كۈچلۈك چىقتى. تىبنى ئۆلدى؛ ئومرى پادىشاھ بولدى.
23يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاسانىڭ ئوتتۇز بىرىنچى يىلىدا ئومرى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇپ ئون ئىككى يىل سەلتەنەت قىلدى. ئۇ تىرزاھتا ئالتە يىل سەلتەنەت قىلدى.
24ئۇ شەمەردىن سامارىيە ئېگىزلىكىنى ئىككى تالانت كۈمۈشكە سېتىۋېلىپ، شۇ ئېگىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى ئېگىزلىكنىڭ ئەسلىي ئىگىسى شەمەرنىڭ نامى بىلەن «سامارىيە» دەپ ئاتىدى.
25ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتتەر بولۇپ يامانلىق قىلدى.
26ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ ھەممە يوللىرىدا، شۇنداقلا جۈملىدىن ئۇنىڭ ئىسرائىلنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان گۇناھى ئىچىدە ماڭدى؛ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرى بىلەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
27ئومرىنىڭ باشقا ئىشلىرى، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى، كۆرسەتكەن قۇدرىتى توغرىسىدا «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرى» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەن ئەمەسمىدى؟
28ئومرى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى ئارىسىدا ئۇخلىدى ۋە سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. ئاندىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاھاب ئورنىدا پادىشاھ بولدى.
29يەھۇدا پادىشاھى ئاسانىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇز سەككىزىنچى يىلىدا ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب ئىسرائىلغا پادىشاھ بولدى. ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب سامارىيەدە يىگىرمە ئىككى يىل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە سەلتەنەت قىلدى.
30ئەمما ئومرىنىڭ ئوغلى ئاھاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى.
31ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئامنىڭ گۇناھلىرىدا يۈرۈش ئانچە ئېغىر گۇناھ ئەمەستەك، ئۇ زىدونىيلارنىڭ پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى يىزەبەلنى خوتۇنلۇققا ئالدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇ بائال دېگەن بۇتنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
32ئۇ سامارىيەدە ياسىغان بائالنىڭ بۇتخانىسى ئىچىگە بائالغا بىر قۇربانگاھ ياسىدى.
33ئاھاب ھەم بىر «ئاشەراھ بۇت»نىمۇ ياساتتى؛ ئاھاب شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە پادىشاھلىرىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىشلىرىدىن ئاشۇرۇپ يامانلىق قىلدى.
34ئۇنىڭ كۈنلىرىدە بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەللىك خىئەل يېرىخو شەھىرىنى ياسىدى؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلدى؛ ۋە دەرۋازىلىرىنى سالغاندا ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەگۇب ئۆلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ئارقىلىق يېرىخو توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.