Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1»

پادىشاھلار «1» 13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خۇدانىڭ بىر ئادىمى يەھۇدادىن چىقىپ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە كەلدى؛ شۇ پەيتتە يەروبوئام خۇشبۇي يېقىشقا قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛
2شۇ ئادەم قۇربانگاھغا قاراپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چاقىرىپ‫‪:‬‬ ــ ئى قۇربانگاھ، ئى قۇربانگاھ! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ مانا داۋۇتنىڭ جەمەتىدە يوسىيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ بولسا سېنىڭ ئۈستۈڭدە خۇشبۇي ياققان «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنداقلا سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئادەم سۆڭەكلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ! ــ دېدى.  
3ئۇ كۈنى ئۇ بىر بېشارەتلىك ئالامەتنى جاكارلاپ‫‪:‬‬ پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەت شۇ بولىدۇكى‫‪:‬‬ ــ مانا، قۇربانگاھ يېرىلىپ، ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ــ دېدى.
4ۋە شۇنداق بولدىكى، يەروبوئام پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدىكى قۇربانگاھقا قاراپ جاكارلىغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ قۇربانگاھتا تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنى تۇتۇڭلار، دېدى. لېكىن ئۇنىڭغا قارىتىپ سوزغان قولى شۇنىڭ بىلەن شۇ پېتى قۇرۇپ كەتتى، ئۇنى ئۆزىگە يەنە يىغالمىدى.
5ئاندىن خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقان مۆجىزىلىك ئالامەت يۈز بېرىپ، قۇربانگاھ ھەم يېرىلىپ ئۈستىدىكى كۈللەر تۆكۈلۈپ كەتتى.
6پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىدىن‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭدىن مېنىڭ ھەققىمدە ئۆتۈنگەيسەنكى، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەي، دەپ يالۋۇردى. خۇدانىڭ ئادىمى پەرۋرەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىنى ئۆتۈنگىنىدە، پادىشاھنىڭ قولى يەنە ئۆزىگە يىغىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
7پادىشاھ خۇدانىڭ ئادىمىگە‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ ئۆزۈڭنى قۇتلاندۇرغىن، مەن ساڭا ئىنئام بېرەي، دېدى.
8لېكىن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ سەن ماڭا ئورداڭنىڭ يېرىمىنى بەرسەڭمۇ، سېنىڭ بىلەن بارمايمەن ياكى بۇ يەردە نان يەپ سۇ ئىچمەيمەن.
9چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزىنى يەتكۈزۈپ ماڭا بۇيرۇپ‫‪:‬‬ «سەن نە نان يېمە نە سۇ ئىچمە، بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمە» دېگەن، دېدى.
10شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىر يول بىلەن قايتىپ كەتتى.
11لېكىن بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدە ياشانغان بىر پەيغەمبەر تۇراتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ ئۇ كۈنى بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدە قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھقا قىلغان سۆزلىرىنىمۇ ئاتىسىغا ئېيتىپ بەردى.
12ئاتىسى ئۇلاردىن، ئۇ قايسى يول بىلەن كەتتى، دەپ سورىدى؛ چۈنكى ئوغۇللىرى يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ قايسى يول بىلەن كەتكىنىنى كۆرگەنىدى.
13ئۇ ئوغۇللىرىغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دەپ تاپىلىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېشەكنى توقۇپ بەرگەندە ئۇ ئۇنىڭغا مىنىپ
14خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. ئۇ ئۇنى بىر دۇب دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغان يېرىدىن تېپىپ ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ ــ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمى سەنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ‫‪:‬‬ ــ مەن شۇ، دەپ جاۋاب بەردى.
15ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمگە بېرىپ نان يېگىن، دېدى.
16ئۇ جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ مەن نە سېنىڭ بىلەن قايتالمايمەن، نە سېنىڭكىگە كىرەلمەيمەن؛ مەن نە بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن نان يەپ سۇ ئىچەلمەيمەن؛
17چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆزى بىلەن ماڭا تاپىلاپ‫‪:‬‬ «ئۇ يەردە نان يېمە، سۇ ئىچمىگىن؛ بارغان يولۇڭ بىلەن قايتىپ كەلمىگىن» دېگەن، دېدى.
18قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ مەن ھەم سەندەك بىر پەيغەمبەردۇرمەن؛ ۋە بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ماڭا يەتكۈزۈپ‫‪:‬‬ ــ «ئۇنىڭغا نان يېگۈرۈپ، سۇ ئىچكۈزگىلى ئۆزۈڭ بىلەن ئۆيۈڭگە ياندۇرۇپ كەل» دېدى، دەپ ئېيتتى. لېكىن ئۇ شۇنى دەپ ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىۋاتاتتى.

19شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئادىمى ئۇنىڭ بىلەن يېنىپ ئۆيدە نان يەپ سۇ ئىچتى.
20لېكىن ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن قېرى پەيغەمبەرگە كەلدى.
21ئۇ يەھۇدادىن كەلگەن خۇدانىڭ ئادىمىنى چاقىرىپ‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىنى تۇتماي،
22بەلكى يېنىپ، ئۇ ساڭا‫‪:‬‬ ــ نان يېمە، سۇ ئىچمە، دەپ مەنئى قىلغان يەردە نان يەپ سۇ ئىچكىنىڭ تۈپەيلىدىن، جەسىتىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىدە كۆمۈلمەيدۇ»، دەپ توۋلىدى.
23ۋە شۇنداق بولدىكى، خۇدانىڭ ئادىمى نان يەپ سۇ ئىچىپ بولغاندا، ئۇنىڭغا، يەنى ئۆزى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن پەيغەمبەرگە ئېشەكنى توقۇپ بەردى.
24ئۇ يولغا چىقتى. كېتىۋاتقىنىدا، يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈكى يولدا تاشلىنىپ قالدى، ئېشىكى بولسا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى؛ شىرمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
25مانا بىرنەچچە ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يولدا تاشلىنىپ قالغان جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان شىرنى كۆردى؛ ئۇلار قېرى پەيغەمبەر تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئۇ يەردە شۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى.
26ئۇنى يولدىن ياندۇرغان پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ‫‪:‬‬ ــ ئۇ دەل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان خۇدانىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنى شىرغا تاپشۇردى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قىلغان سۆزى بويىچە شىر ئۇنى تىتما‫‪‎-‎‬‬تىتما قىلىپ ئۆلتۈردى، دېدى.
27ئۇ ئوغۇللىرىغا‫‪:‬‬ ــ ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار، دېدى؛ ئۇلار ئۇنى توقۇپ بەردى.
28ئۇ يولدا تاشلاقلىق جەسەت بىلەن جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغان ئېشەك ۋە شىرنى تاپتى. شىر بولسا نە جەسەتنى يېمىگەنىدى نە ئېشەكنىمۇ تالىمىغانىدى.
29پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئادىمىنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ ئېشەككە ئارتىپ ياندى. قېرى پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى دەپنە قىلغىلى شەھەرگە كىردى.
30ئۇ جەسەتنى ئۆز قەبرىستانلىقىدا قويدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ‫‪:‬‬ ــ ئاھ بۇرادىرىم! ــ دەپ پەرياد كۆتۈردى.
31ئۇنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرىغا‫‪:‬‬ ــ مەن ئۆلگەندە مېنى خۇدانىڭ ئادىمى دەپنە قىلىنغان گۆرگە دەپنە قىلىڭلار؛ مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ يېنىدا قويۇڭلار؛
32چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بەيت‫‪‎-‎‬‬ئەلدىكى قۇربانگاھقا قارىغان ۋە سامارىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىدىكى ئىبادەت ئۆيلىرىگە قارىغان، ئۇنىڭ جار قىلغان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ، ــ دېدى.  
33لېكىن يەروبوئام بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ ئۆز رەزىل يولىدىن يانماي، بەلكى «يۇقىرى جايلار»غا ھەرخىل خەلقتىن كاھىنلارنى تەيىنلىدى؛ كىم خالىسا، ئۇ شۇنى «مۇقەددەس قىلىپ» كاھىنلىق مەنسىپىگە بېغىشلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «يۇقىرى جايلار»دا قۇربانلىق قىلىشقا كاھىن بولاتتى.   
34شۇ ئىش تۈپەيلىدىن يەروبوئام جەمەتىنىڭ ھېسابىغا گۇناھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ ھالاك بولۇشىغا سەۋەب بولدى.