Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پادىشاھلار «1»

پادىشاھلار «1» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت پادىشاھ خېلى ياشىنىپ قالغانىدى؛ ئۇنى يوتقان‫‪‎-‎‬‬ئەدىيال بىلەن ياپسىمۇ، ئۇ ئىسسىمايتتى.
2خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى ئۈچۈن، ئالدىلىرىدا تۇرىدىغان بىر پاك قىز تاپقۇزايلى؛ ئۇ پادىشاھدىن خەۋەر ئېلىپ، سىلىنىڭ قۇچاقلىرىدا ياتسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن غوجام پادىشاھ ئىسسىيلا ــ دېدى.
3ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل زېمىنىنى كېزىپ گۈزەل بىر قىزنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى شۇناملىق ئابىشاگنى تېپىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
4قىز ئىنتايىن گۈزەل ئىدى؛ ئۇ پادىشاھدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، ئەمما پادىشاھ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمايتتى.
5ئەمما ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا مەرتىۋىسىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ‫‪:‬‬ «مەن پادىشاھ بولىمەن» دېدى. ئۇ ئۆزىگە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىقلارنى ۋە ئالدىدا يۈرىدىغان ئەللىك ئەسكەرنى تەييار قىلدى   
6(ئۇنىڭ ئاتىسى ھېچقاچان‫‪:‬‬ «نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭغا تەنبىھ‫‪‎-‎‬‬تەربىيە بېرىپمۇ باقمىغانىدى ھەم ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئابشالومدىن كېيىن تۇغقانىدى).   
7ئۇ زەرۇئىيانىڭ ئوغلى يوئاب ۋە كاھىن ئابىئاتار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىپ تۇردى. ئۇلار بولسا ئادونىياغا ئەگىشىپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى.
8لېكىن كاھىن زادوك ۋە يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمەي، رەي ۋە داۋۇتنىڭ ئۆز پالۋانلىرى ئادونىياغا ئەگەشمىدى.
9ئادونىيا قوي، كالا ۋە بوردىغان تورپاقلارنى ئەن‫‪‎-‎‬‬روگەلنىڭ يېنىدىكى زوھەلەت دېگەن تاشتا سويدۇرۇپ، ھەممە ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئۇكىلىرىنى، يەنى پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ھەممە يەھۇدالارنى چاقىردى.   
10لېكىن ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، پالۋانلار ۋە ئۆز ئىنىسى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى.
11ناتان بولسا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات‫‪‎-‎‬‬شېباغا‫‪:‬‬ ــ «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولدى، لېكىن غوجىمىز داۋۇت ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز.
12ئەمدى مانا، ئۆز جېنىڭ ۋە ئوغلۇڭ سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشقا مېنىڭ ساڭا بىر مەسلىھەت بېرىشىمكە ئىجازەت بەرگەيسەن.
13داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ غوجام پادىشاھ ئۆزلىرى قەسەم قىلىپ ئۆز كەمىنىلىرىگە ۋەدە قىلىپ‫‪:‬‬ «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىلە؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا ئادونىيا پادىشاھ بولىدۇ؟ ــ دېگىن.
14مانا، پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىڭدا، مەنمۇ سېنىڭ كەينىڭدىن كىرىپ سۆزۈڭنى ئىسپاتلايمەن، ــ دېدى.
15بات‫‪‎-‎‬‬شېبا ئىچكىرى ئۆيگە پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى (پادىشاھ تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، شۇناملىق ئابىشاگ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى).
16بات‫‪‎-‎‬‬شېبا پادىشاھقا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ‫‪:‬‬ ــ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىدى.
17ئۇ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئى غوجام، سىلى پەرۋەردىگار خۇدالىرى بىلەن ئۆز دېدەكلىرىگە‫‪:‬‬ «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ قەسەم قىلغانىدىلا.
18ئەمدى مانا، ئادونىيا پادىشاھ بولدى! لېكىن ئى غوجام پادىشاھ، سىلىنىڭ ئۇنىڭدىن خەۋەرلىرى يوق.

19ئۇ كۆپ كالىلارنى، بورداق تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، ئابىئاتار كاھىننى ۋە قوشۇننىڭ سەردارى يوئابنى چاقىردى. لېكىن قۇللىرى سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى.
20ئەمدى، ئى غوجام پادىشاھ، پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆزلىرى سىلىگە تىكىلمەكتە، ئۇلار غوجام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن تەختلىرىدە كىمنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇلارغا خەۋەر بېرىشلىرىنى كۈتىشىۋاتىدۇ؛
21بىر قارارغا كەلمىسىلە، غوجام پادىشاھ ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى بىلەن بىللە ئۇخلاشقا كەتكەندىن كېيىن، مەن بىلەن ئوغلۇم سۇلايمان گۇناھكار سانىلىپ قالارمىزمىكىن، ــ دېدى.
22مانا، ئۇ تېخى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا ناتان پەيغەمبەرمۇ كىرىپ كەلدى.
23ئۇلار پادىشاھقا‫‪:‬‬ ــ ناتان پەيغەمبەر كەلدى، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپلا، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلدى.
24ناتان‫‪:‬‬ ــ ئى غوجام پادىشاھ، سىلى ئادونىيا مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىلىمۇ؟
25چۈنكى ئۇ بۈگۈن چۈشۈپ، كۆپ بۇقا، بوردىغان تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، قوشۇننىڭ سەردارلىرىنى، ئابىئاتار كاھىننى چاقىردى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ‫‪‎-‎‬‬ئىچىپ‫‪:‬‬ «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» ــ دەپ توۋلاشماقتا.
26لېكىن قۇللىرى بولغان مېنى، زادوك كاھىننى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە قۇللىرى بولغان سۇلايماننى ئۇ چاقىرمىدى.
27غوجام پادىشاھ كىمنىڭ ئۆزلىرىدىن كېيىن غوجام پادىشاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئۆز قۇللىرىغا ئۇقتۇرماي ئۇ ئىشنى بۇيرۇدىلىمۇ؟ ــ دېدى.
28داۋۇت پادىشاھ‫‪:‬‬ ــ بات‫‪‎-‎‬‬شېبانى ئالدىمغا قىچقىرىڭلار، دېدى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى.
29پادىشاھ بولسا‫‪:‬‬ ــ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
30مەن ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىلەن ساڭا قەسەم قىلىپ‫‪:‬‬ «سېنىڭ ئوغلۇڭ سۇلايمان مەندىن كېيىن پادىشاھ بولۇپ ئورنۇمدا مېنىڭ تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇ ئىشنى چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن، ــ دېدى.
31ۋە بات‫‪‎-‎‬‬شېبا يۈزىنى يەرگە يېقىپ تۇرۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلىپ‫‪:‬‬ ــ غوجام داۋۇت پادىشاھ ئەبەدىي ياشىسۇن! ــ دېدى.
32داۋۇت پادىشاھ‫‪:‬‬ ــ زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئالدىمغا چاقىرىڭلار، دېدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى.
33پادىشاھ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ غوجاڭلارنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئۆزۈڭلارغا قوشۇپ، سۇلايماننى ئۆز قېچىرىمگە مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ بېرىڭلار؛
34ئۇ يەردە زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلسۇن. ئاندىن كاناي چېلىپ‫‪:‬‬ ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! دەپ توۋلاڭلار.
35ئاندىن ئۇ تەختىمدە ئولتۇرۇشقا بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار؛ ئۇ مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇنى ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلىدىم، ــ دېدى.
36يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئامىن! غوجام پادىشاھنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارمۇ شۇنداق بۇيرۇسۇن!

37پەرۋەردىگار غوجام پادىشاھ بىلەن بىللە بولغاندەك، سۇلايمان بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ تەختىنى غوجام داۋۇت پادىشاھنىڭكىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ قىلغاي! ــ دېدى.
38زادوك كاھىن، ناتان پەيغەمبەر، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەر چۈشۈپ، سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، گىھونغا ئېلىپ باردى.
39زادوك كاھىن ئىبادەت چېدىرىدىن ماي بىلەن تولغان بىر مۈڭگۈزنى ئېلىپ، سۇلايماننى مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئۇلار كاناي چالدى. خەلقنىڭ ھەممىسى‫‪:‬‬ ــ سۇلايمان پادىشاھ ياشىسۇن! ــ دەپ توۋلاشتى.
40خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، سۇناي چېلىپ زور شادلىق بىلەن يەر يېرىلغۇدەك تەنتەنە قىلىشتى.
41ئەمدى ئادونىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەم بولغان مېھمانلار غىزالىنىپ چىققاندا، شۇنى ئاڭلىدى. يوئاب كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا‫‪:‬‬ ــ نېمىشقا شەھەردە شۇنچە قىيقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەن سېلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
42ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا ئابىئاتار كاھىننىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ كىرگىن، قەيسەر ئادەمسەن، چوقۇم بىزگە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، ــ دېدى.
43يوناتان ئادونىياغا جاۋاب بېرىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنداق ئەمەس! غوجىمىز داۋۇت پادىشاھ سۇلايماننى پادىشاھ قىلدى!
44ۋە پادىشاھ ئۆزى ئۇنىڭغا زادوك كاھىننى، ناتان پەيغەمبەرنى، يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ۋە كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋىتىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى؛
45ئاندىن زادوك كاھىن بىلەن ناتان پەيغەمبەر ئۇنى پادىشاھ بولۇشقا گىھوندا مەسىھ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ شادلىق قىلىپ، پۈتكۈل شەھەرنى قىيقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەن بىلەن لەرزىگە سالدى. سىز ئاڭلاۋاتقان سادا دەل شۇدۇر.
46ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلايمان ھازىر پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىۋاتىدۇ.
47يەنە كېلىپ پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى كېلىپ غوجىمىز داۋۇت پادىشاھقا‫‪:‬‬ «خۇدالىرى سۇلايماننىڭ نامىنى سىلىنىڭكىدىن ئەۋزەل قىلىپ، تەختىنى سىلىنىڭكىدىن ئۇلۇغ قىلغاي!» دەپ بەخت تىلەپ مۇبارەكلەشكە كېلىشتى. پادىشاھ ئۆزى ياتقان ئورۇندا سەجدە قىلدى
48ۋە پادىشاھ‫‪:‬‬ ــ «بۈگۈن مېنىڭ تەختىمگە ئولتۇرغۇچى بىرسىنى تەيىنلىگەن، ئۆز كۆزلىرىمگە شۇنى كۆرگۈزگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇبارەكلەنسۇن!» ــ دېدى ــ دېدى.
49شۇنى ئاڭلاپ ئادونىيانىڭ بارلىق مېھمانلىرى ھودۇقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ ھەربىرى ئۆز يولىغا كەتتى.
50ئادونىيا بولسا سۇلايماندىن قورقۇپ، ئورنىدىن قوپۇپ، ئىبادەت چېدىرىغا بېرىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتتى.
51سۇلايمانغا شۇنداق خەۋەر بېرىلىپ‫‪:‬‬ ــ «ئادونىيا سۇلايمان پادىشاھدىن قورقىدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ «سۇلايمان پادىشاھ بۈگۈن ماڭا شۇنى قەسەم قىلسۇنكى، ئۇ ئۆز قۇلىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە قىلغاي» دېدى»، ــ دېيىلدى.
52سۇلايمان‫‪:‬‬ ــ ئۇ دۇرۇس ئادەم بولسا بېشىدىن بىر تال چاچ يەرگە چۈشمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭدا رەزىللىك تېپىلسا، ئۆلىدۇ، دېدى.
53سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋىتىپ ئۇنى قۇربانگاھدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئۆز ئۆيۈڭگە كەتكىن، ــ دېدى.