Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا - يۇھاننا 12

يۇھاننا 12:9-32

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى.
10لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛
11چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى.
12ئەتىسى، «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،
13قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە‫‪:‬‬ «تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى.  
14ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەندەك‫‪:‬‬ ــ
15«قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!».  
16ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى.
17ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى.
18ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى.
19پەرىسىيلەر بولسا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە‫‪:‬‬ ــ قاراڭلار، بارلىق قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى.
20ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى.
21بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت‫‪‎-‎‬‬سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ‫‪:‬‬ ــ ئەپەندىم، بىز ئەيسا بىلەن كۆرۈشسەك، ــ دەپ تەلەپ قىلىشتى.
22فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى.
23لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى يېتىپ كەلدى.   
24بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ.   
25كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ.   
26كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ.
27ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائەت ئۈچۈن كەلدىم.   
28ئاتا، نامىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ‫‪:‬‬ ــ ئۇنىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى.
29بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق‫‪:‬‬ ــ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، ــ دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا‫‪:‬‬ ــ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، ــ دېيىشتى.
30ئەيسا بولسا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى.
31ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى.   
32ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى

Read يۇھاننا 12يۇھاننا 12
Compare يۇھاننا 12:9-32يۇھاننا 12:9-32