Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ناھۇم

ناھۇم 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نىنەۋە شەھىرى توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي ــ ئەلكوشلۇق ناھۇم كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش خاتىرىلەنگەن كىتاب.
2پەرۋەردىگار ئوتلۇق مۇھەببەتلىك، ئىنتىقام ئالغۇچى بىر خۇدادۇر؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار بىر ئىنتىقام ئالغۇچى، دەرغەزەپ ئىگىسىدۇر؛ پەرۋەردىگار ياۋلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، دۈشمەنلىرى ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلايدۇ.
3پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدۇ، كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەتتە ئۇلۇغدۇر، گۇناھى بارنى ھېچ ئاقلىمايدۇ؛ پەرۋەردىگار ــ ئۇنىڭ يولى قارا قۇيۇندا ۋە بوراندىدۇر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرى پۇرقىراتقان چاڭ‫‪‎-‎‬‬توزاڭدۇر.
4ئۇ دېڭىزغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى قۇرۇق قىلىدۇ، بارلىق دەريالارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ باشان قاغجىراپ كېتىدۇ، كارمەلمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ؛ لىۋاندىكى گۈل‫‪‎-‎‬‬گىياھمۇ قاغجىرايدۇ.
5تاغلار ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ كېتىدۇ، دۆڭلەر ئېرىپ كېتىدۇ، يەر يۈزى ئۇنىڭ ھۇزۇرى ئالدىغا كۆتۈرۈلىدۇ، جاھان ھەم ئۇنىڭدا بارلىق ياشاۋاتقانلارمۇ شۇنداق بولىدۇ.
6كىم ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا تىك تۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنىڭ دەھشىتىدە قەددىنى كېرىپ تۇرالىسۇن؟ ئۇنىڭ دەرغەزىپى ئوتتەك تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا تاشلار يېرىلىدۇ.
7پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، كۈلپەتلىك كۈندە باشپاناھدۇر؛ ئۆزىگە تايانغانلارنى ئۇ بىلىدۇ.
8بىراق ئېشىپ تاشقان كەلكۈن بىلەن شۇ يەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوغلايدۇ.
9سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىپ نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ئىشلىرىڭلارنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىدۇ؛ يامانلىق سىلەردىن ئىككىنچى قېتىم چىقمايدۇ.
10ئۇلار قامغاقتەك بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ.
11سەندىن پەرۋەردىگارغا رەزىللىك ئويلىغۇچى چىققانىدى، ئۇ ئىبلىسنىڭ بىر نەسىھەتچىسىدۇر.
12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «ئۇلارنىڭ تەييارلىقلىرى تولۇق، سانى زور كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا كەلمەسكە كېتىدۇ؛ مەن ساڭا ئازار قىلغىنىم بىلەن، ئى خەلقىم، قايتىدىن ساڭا ئازار قىلمايمەن.
13ھازىر مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن سۇندۇرۇپ ئېلىۋاتىمەن، ۋە ئاسارەتلىرىڭنى بۆسۈپ تاشلايمەن.
14پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرگەنكى، سېنىڭ نامىڭ قايتىدىن تېرىلمەيدۇ؛ بۇتۇڭنىڭ ئۆيىدىن مەن ئويما ھەيكەل، قۇيما ھەيكەلنى يوقىتىمەن؛ مەن قەبرەڭنى تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سەن پەسەندىدۇرسەن.
15مانا تاغلار ئۈستىدە، خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرىغا، ئارام‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىكنى جاكارلىغۇچىنىڭ ئاياغلىرىغا قارا! ھېيتلىرىڭنى تەبرىكلە، ئى يەھۇدا، ئىچكەن قەسەملىرىڭنى ئادا قىل؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بولغۇچى زېمىنىڭدىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ؛ ئۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلانغان بولىدۇ.