Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ناھۇم

ناھۇم 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى؛ ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت!
2(چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى؛ چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى).  
3بىتچىت قىلغۇچىنىڭ پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى، ئۇنىڭ باتۇرلىرى پەرەڭدە كىيگۈزۈلدى؛ تەييارلىق كۈنىدە، جەڭ ھارۋىلىرى پولاتنىڭ جۇلاسىدا يالتىراپ كېتىدۇ، نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ؛
4جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا گۈلدۈرلىشىپ چېپىشىۋاتىدۇ؛ كەڭ يوللاردا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە سوقۇلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىياپىتى مەشئەللەردەك بولىدۇ، ئۇلار چاقماقلاردەك يۈگۈرۈشىدۇ.
5سەردار ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ؛ ئۇلار يۈرۈش قىلغىنىدا ئالدىرىغىنىدىن بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە پۇتلىشىپ ماڭىدۇ؛ نىنەۋەنىڭ سېپىلىغا قاراپ ئالدىرايدۇ، باشلىرىغا بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ.
6«دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ.
7خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ ــ دۈشمەن تەرىپىدىن يالاپ ئېپكېتىلىدۇ، دېدەكلىرى خۇددى پاختەكلەرنىڭ ساداسىدەك ئاھ‫‪‎-‎‬‬ئۇھ تارتىپ، مەيدىلىرىنى ئۇرۇپ كېتىدۇ.
8نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك تىنچ بولۇپ كەلدى، بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ... ئەي توختا! ئەي توختا! ــ بىراق ھېچكىم كەينىگە قارىمايدۇ.
9كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار، ئالتۇنلارنى بۇلىۋېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ شەۋكەتلىك خەزىنىسىدىكى قىممەت قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلىرىنىڭ سانى يوقتۇر.
10ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، بەربات بولغان! يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ، تىزلىرى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە جالاقلاپ تەگمەكتە؛ بەللىرى تولغاق تۇتقاندەك تولغىنىدۇ، بارلىق يۈزلەر تاتىرىپ كېتىدۇ.
11قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟
12شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما‫‪‎-‎‬‬تىتما قىلغانىدى، چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛ ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى.
13مانا، مەن ساڭا قارشىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن؛ قىلىچ ياش شىرلىرىڭنى يەۋاتىدۇ، ئوۋاڭنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى قايتا ھېچ ئاڭلانمايدۇ.