Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ناھۇم

ناھۇم 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قانلىق شەھەرگە ۋاي! ئۇ يالغانچىلىق، زۇلۇم‫‪‎-‎‬‬زوراۋانلىق بىلەن تولغان، ئۇ ئولجا ئېلىشتىن ھېچ قول ئۈزگەن ئەمەس!
2ئاھ، قامچىنىڭ قارسىلداشلىرى! چاقلىرىنىڭ داقاڭشىۋاتقان، ئاتلارنىڭ چاپچىۋاتقان، پىڭىلداپ كېتىۋاتقان جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سادالىرى!
3قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈكلەر دۆۋە‫‪‎-‎‬‬دۆۋە! جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ.
4ــ سېھىرلەرنىڭ پىرى ئۇ، ــ ئەللەرنى پاھىشىۋازلىقى، جەمەتلەرنى سېھىرلىرى بىلەن سېتىۋېتىدۇ؛ سەن شېرىنسۇخەن پاھىشىنىڭ نۇرغۇن پاھىشىلىكلىرى تۈپەيلىدىن،
5مانا، مەن ساڭا قارشىلىشىپ چىققانمەن، ــ ــ دەيدۇ ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىپ يۈزۈڭگە يېپىپ، سېنى ئاشكارىلايمەن، ئەللەرگە ئۇيات يەرلىرىڭنى، پادىشاھلىقلارغا نومۇسۇڭنى كۆرسىتىمەن.
6ئۈستۈڭگە نىجاسەتنى تاشلايمەن، سېنى شەرمەندىچىلىكتە قالدۇرىمەن، سېنى رەسۋا قىلىمەن.
7ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن قېچىپ‫‪:‬‬ ــ «نىنەۋە ۋەيران قىلىندى! ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم ھازا تۇتىدۇ؟» ــ دەيدۇ؛ مەن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەرنى نەدىن تېپىپ بېرىمەن؟
8سەن دەريالارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ئەتراپىدا سۇلار بولغان، ئىستىھكامى دېڭىز بولغان، سېپىلى دېڭىز بولغان نو‫‪‎-‎‬‬ئامون شەھىرىدىن ئەۋزەلمۇسەن؟
9ئېفىئوپىيەمۇ، مىسىرمۇ ئۇنىڭ كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتى ئىدى، ئۇلارنىڭ كۈچى چەكسىز ئىدى؛ پۇت ھەم لىۋىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ياردەمچى ئىدى؛
10ئۇمۇ ئېلىپ كېتىلىپ، ئەسىرلىككە چۈشكەن؛ بارلىق كوچا بېشىدا بوۋاقلىرى چۆرۈپ تاشلىۋېتىلدى؛ ئۇلار ئۇنىڭ مۆتىۋەرلىرى ئۈچۈن چەك تاشلىدى، ئۇنىڭ بارلىق ئەربابلىرى زەنجىردە باغلانغانىدى.
11سەنمۇ مەست بولىسەن؛ سەن مۆكۈنۈۋالىسەن؛ سەن دۈشمەندىن ھىمايە ئىزدەپ يۈرىسەن؛
12سېنىڭ بارلىق ئىستىھكاملىرىڭ خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرگەن ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئەنجۈرلىرىگە ئوخشايدۇ؛ بىرلا سىلكىسە، ئۇلار يېگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ.
13مانا، خەلقىڭ شەھىرىڭدە قىز‫‪‎-‎‬‬ئاياللاردەك بولۇپ قالدى؛ زېمىنىڭنىڭ قوۋۇقلىرى دۈشمەنلىرىڭگە كەڭ ئىچىلىدۇ؛ ئوت تۆمۈر تاقاقلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ.
14ئەمدى مۇھاسىرىگە تەييارلىق قىلىپ سۇ تارتىپ قوي! قورغانلىرىڭنى مۇستەھكەملە! سېغىز توپىدىن لاي ئېتىپ، ھاك لاينى چەيلەپ قوي! خۇمداننى راسلاپ قوي!
15ئوت سېنى شۇ يەردە يەپ كېتىدۇ؛ قىلىچ سېنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ ئۇ سېنى چېكەتكە لىچىنكىسىدەك يەۋاتىدۇ؛ ئەمدى ئۆزۈڭنى چېكەتكە لىچىنكىلىرىدەك كۆپ قىل، چېكەتكىدەك ئۆزۈڭنى زور كۆپ قىل!
16سەن سودىگەرلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ قىلدىڭ؛ مانا، چېكەتكە لىچىنكىسى قانات چىقىرىپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ!
17سېنىڭ ئەربابلىرىڭ چېكەتكىلەردەك، سەردارلىرىڭ مىجىر‫‪‎-‎‬‬مىجىر چاقچىقىزلاردەك بولىدۇ؛ مانا ئۇلار سوغۇق كۈنىدە چىتلار ئىچىگە كىرىۋېلىپ ماكان قىلىدۇ؛ قۇياش چىققاندا، ئۇلار قېچىپ كېتىدۇ، بارغان يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
18چوپانلىرىڭ مۈگدەپ قالدى، ئى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى؛ سېنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىڭ جىم ياتىدۇ؛ خەلقىڭ تاغلار ئۈستىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى يىغمايدۇ؛

19سېنىڭ ياراڭ داۋاسىز، سېنىڭ زەخمىڭ ئېغىردۇر؛ خەۋىرىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈستۈڭدىن چاۋاك چالىدۇ؛ چۈنكى توختاۋسىز رەزىللىكىڭ كىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەندۇ؟