3سېنىڭ مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭ بولمايدۇ.
4سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەيلى يۇقىرىدىكى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى تۆۋەندىكى زېمىندا بولسۇن، ياكى يەر ئاستىدىكى سۇلاردا بولسۇن، ھەرقانداق نەرسىنىڭ قىياپىتىدىكى ھېچقانداق ئويما شەكىلنى ياسىما.
5سەن بۇنداق نەرسىلەرگە باش ئۇرما ياكى ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرمە. چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلغۇچى تەڭرىدۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىنى ئۆزلىرىگە، ئوغۇللىرىغا، ھەتتا نەۋرە-چەۋرىلىرىگىچە چۈشۈرىمەن،