Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ - مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 20

مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 20:12-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
12ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.
13قاتىللىق قىلما.
14زىنا قىلما.
15ئوغرىلىق قىلما.
16قوشناڭ توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرمە.
17سەن قوشناڭنىڭ ئۆي‫‪‎-‎‬‬ئىمارىتىگە كۆز قىرىڭنى سالما، نە قوشناڭنىڭ ئايالى، نە ئۇنىڭ قۇلىغا، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئىشىكى ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما.  
18پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن‫‪‎-‎‬‬يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى
19ۋە مۇساغا‫‪:‬‬ ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى.
20مۇسا خالايىققا جاۋابەن‫‪:‬‬ ــ قورقماڭلار؛ چۈنكى خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، يەنى سىلەرنىڭ ئۇنىڭ دەھشەتلىكىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ، گۇناھ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، ــ دېدى.

Read مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 20مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 20
Compare مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 20:12-20مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 20:12-20