1يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»،
2يارلىق چىققۇچە، كۈن توپاندەك تېز ئۆتۈپ كەتكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىق غەزىپى ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدىغان كۈن ئۈستۈڭلەرگە چۈشكۈچە،
3پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ئى ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئادا قىلغان زېمىندىكى كەمتەرلەر؛ ھەققانىيلىقنى ئىزدەڭلار، كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار؛ ئېھتىمال سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بولغان كۈنىدە پاناھ تاپقان بولىسىلەر.
4چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ.
5دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ساڭا قارشىدۇر، ئى قانائان، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنى! ئاھالەڭ قالمىغۇچە مەن سېنى ھالاك قىلىمەن.
6دېڭىز بويى پادىچىلار ئۈچۈن چىمەنزار، قوي پادىلىرى ئۈچۈن قوتانلار بولىدۇ؛
7دېڭىز بويى يەھۇدا جەمەتىنىڭ قالدىسى ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؛ ئاشۇ يەردە ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ؛ ئاشكېلوننىڭ ئۆيلىرىدە ئۇلار كەچ كىرگەندە ياتىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇداسى ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى ئاسارەتتىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
8مەن موئابنىڭ دەشنىمىنى، ئاممونىيلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ مېنىڭ خەلقىمنى مازاق قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېگرالىرىنى پايمال قىلىپ ماختىنىپ كەتتى.
9شۇڭا مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ ــ يەنى چاققاقلار ۋە شورلۇقلار قاپلانغان جاي، دائىم بىر چۆل-جەزىرە بولىدۇ؛ ھەم خەلقىمنىڭ قالدىسى ئۇلاردىن ئولجا ئالىدۇ، قوۋمىمنىڭ قالغانلىرى بۇلارغا ئىگە بولىدۇ.
10ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىدىن بۇ ئىش بېشىغا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مازاق قىلىپ ماختىنىپ كەتتى.
11پەرۋەردىگار ئۇلارغا دەھشەتلىك بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدىكى بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇتىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەر، بارلىق چەت ئارالدىكىلەر ھەربىرى ئۆز جايىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.
12ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر.
13ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ.
14ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چارۋا پادىلىرى، شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ ھەرخىللىرى ياتىدۇ؛ چۆل ھوۋقۇشى، چىرقىرىغۇچى ھوۋقۇشلار ئۇنىڭ تۈۋرۈك باشلىرىدا قونىدۇ؛ دېرىزىلىرىدىن سايراشلار ئاڭلىنىدۇ؛ بوسۇغىلىرىدا ۋەيرانىلىق تۇرىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بۇنىڭ كېدىر ياغاچ نەقىشلىرىنى ئوچۇقچىلىقتا قالدۇرىدۇ؛
15مانا بۇ ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى شاد-خۇرام شەھەر، كۆڭلىدە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن شەھەر ــ ئۇ شۇنچىلىك بىر ۋەيرانە، ھايۋانلارنىڭ بىر قونالغۇسى بولۇپ قالدىغۇ! ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ.