1ئاموننىڭ ئوغلى يوسىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، ھەزەكىيانىڭ چەۋرىسى، ئامارىيانىڭ ئەۋرىسى، گەدالىيانىڭ نەۋرىسى، كۇشىنىڭ ئوغلى زەفانىياغا يەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى: ــ
2مەن يەر يۈزىدىن ھەممىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
3ــ ئىنسان ھەم ھايۋاننى قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم دېڭىزدىكى بېلىقلارنى، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى رەزىل ئادەملەر بىلەن تەڭ قۇرۇتۇۋېتىمەن، ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
4ــ شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدا ئۈستىگە، بارلىق يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈستىگە قولۇمنى سوزىمەن؛ مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن؛
5شۇنداقلا ئۆگزىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى جىسىملارغا باش ئۇرىدىغانلارنى، پەرۋەردىگارغا باش ئۇرۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، «مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلارنى،
6پەرۋەردىگاردىن تەزگەنلەرنى، پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن يول سورىمىغانلارنىمۇ ئۈزۈپ تاشلايمەن.
7رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىندۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى؛
8پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن؛
9شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن.
10شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.
11«ھۆركىرەڭلار، ئى «ئويمانلىق مەھەللىسى»دىكىلەر؛ چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، كۈمۈش بىلەن چىڭدالغانلار قىرىلدى!»
12ــ ۋە شۇ چاغدا شۇنداق بولىدۇكى، مەن يېرۇسالېمنى چىراقلار بىلەن ئاختۇرىمەن، ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەرنى، يەنى كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگار ھېچ ياخشىلىقنى قىلمايدۇ، يامانلىقنىمۇ قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى جازالايمەن.
13ئەمدى بايلىقلىرى ئولجا، ئۆيلىرى بەربات بولىدۇ؛ ئۇلار ئۆيلەرنى سالغىنى بىلەن، ئۇلاردا تۇرمايدۇ؛ ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ شارابىنى ئىچمەيدۇ.
14پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر؛ بەرھەق يېقىندۇر، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ؛ ئاڭلا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ ساداسى! يېتىپ كەلگەندە پالۋانمۇ ئەلەملىك ۋارقىرايدۇ.
15شۇ كۈنى قەھر ئېلىپ كېلىدىغان بىر كۈن، كۈلپەتلىك ھەم دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن، ۋەيرانچىلىق ھەم بەرباتلىق چۈشىدىغان بىر كۈن، زۇلمەتلىك ھەم سۈرلۈك بىر كۈن، بۇلۇتلار ھەم قاپ-قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بىر كۈن،
16ئىستىھكاملاشقان شەھەرلەرگە، سېپىلنىڭ ئېگىز پوتەيلىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، كاناي چېلىنىدىغان، ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ.
17مەن ئادەملەر ئۈستىگە كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن، ــ ئۇلار قارىغۇلاردەك يۈرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدى؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى توپا-چاڭدەك، ئۇلارنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى پوقتەك تۆكۈلىدۇ؛
18پەرۋەردىگارنىڭ قەھرى چۈشكەن كۈنىدە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ؛ بەلكى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى تەرىپىدىن يەۋېتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ بارلىق يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت چۈشۈرىدۇ.